كىرات
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
كىرات - خەلقئارادا كەڭ قوللىنىلىدىغان مەخسۇس گۆھەر تاشلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكى، ئېنگلىز تىلىدا <كارات> (carat) دېيىلدۇ. تۈركچە <ئوكيانۇس> تا: <كىرات - ئالماس، زۇمرەت تاشلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشتە قوللىنىلىدىغان ئۆلچەم بىرلكى بولۇپ، مىر مىسقالنىڭ 42/1 ىگە تەڭ> ( <ئوكيانۇس> <تۈركچە> Ⅱ توم، 1541 - بەت).
كىرات ئەرەبچە ئېغىرلىق ئۆلچەم نامى بولۇپ، بىر خىل دەرەخ مېۋىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن. بۇ خىل مېۋىنىڭ چوڭ - كىچىكىلىكى ئوپمۇ - ئوخشاش بولغاچقا، تارازا بولمىغان قەدىمكى زاماندا ئەرەبلەر ئۇلارنى بىرلىك قىلىپ نەرسىلەر (ئاساسەن گۆھەر تاشلار) نىڭ ئېغىرلىقىنى ئىپادىلىگەن. سۇندۇرۇپ ھېسابلاشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، 1907 - يىلى بىر كىرات - 200 مىللى گرام، يەنى 0.2 گرامغا تەڭ قىلىپ بەلگىلەنگەن. تۈركچە <ئوكيانۇس> تا: <بىر كىراتنىڭ ھەقىقىي ئېغىرلىقى 0.2128 گرام> دېيىلگەن.