UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىتاڭ

تاڭ

ئۆلچەم بىرلىكلىرى تاك (tang) - قەدىمكى خوتەن ساك تىلىدىكى thamga دىن كەلگەن ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە پاختا، يۇڭ تۈرىدىكى نەرسىلەرنى ئۆلچەشتە قوللىنىلغان بولسا كېرەك. چۈنكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە <تۆت تاڭ پاختىنى ئۆسۈمگە ئالدىم، كۈزنىڭ باشلىرىدا يەتتە تاڭ پاختىنى تولۇق بېرىمەن> دېگەن سۆز بار. قۇجۇدىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە <ئون تاڭ پاختا> دېگەن ئىبارە بار. فون گابائىننىڭ كۆرسىتىشىچە، <تاڭ> خەنزۇ تىلىدىكى (担) دىن كەلگەن ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ، قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن قوللىنىلغان. ئۇنىڭ كونكرېتنى قىممىتى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچىمىدە بىر دەن ( 担 001 )جىڭ ياكى 50 كىلوگرامغا؛ بىر سېنتنېر (公担) 100 ) كىلوگرامغا تەڭ بولغان.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تاڭ | UyghurWiki | UyghurWiki