UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىچاقىرىم

چاقىرىم

ئۆلچەم بىرلىكلىرى چاقىرىم - شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، پىشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشىچە بامدات نامىزىغا توۋلانغان ئەزان ئاۋازى يېتىدىغان ئارىلىق بىر چاقىرىم بولىدىكەن. بۇرھان شەھىدى تۈزگەن ئۈچ تىللىق لۇغەتتە <چاقىرىم> - رۇسلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى <ۋىرىستا> بىلەن ئوخشاش دېيىلگەن. بىر ۋىرىستا 1.068 كىلومېتىر كېلىدۇ. «قەشقەرىيە» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەن <چاقىرىم> بۇنىڭ يېرىمىغىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. كروپاتكىننىڭ ئېيتىشىچە چاقىرىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 200 ساژىن (روسىيە جاڭى) بولۇپ، تەخمىنەن 426.8 مېتر كېلىدىكەن. چى سىستېمىسى بويىچە بولغاندا، بىر چاقىرىم 1800 چى بولۇپ، تەخمىنەن 576 مېترغا تەڭ كېلىدىكەن. بۇلارنى سېلىشتۇرغاندا پەرق بەك چوڭ. شۇڭا، بۇلار مۆلچەر سان بولۇشى مۇمكىن. <ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى> دە: چاقىرىم - مېتر سىستېمىسى قوبۇل قىلىنغىنىغا قەدەر قوللىنىلغان يەرلىك ئۆلچەم بىرلىكى. بىر چاقىرىم ئۇزۇنلۇق 1.06 كىلومېترغا تەڭ كېلىدۇ< دەپ كۆرسىتىلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى