دىنار
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
دىنار - ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن پۇلنىڭ نامى ۋە پۇل بىرلىكى. <چاغاتايچە لۇغەت> تە: <دىنار - ئالتۇن تەڭگە، پۇل بىرلىكى، قىپ - قىزىل چاقناپ تۇرغان> دېگەن مەنىلەردە ئىزاھلانغان. <تۈركچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت> تە: <دىنار - ئالتۇن پۇل. لاتىن تىلىدىن كەلگەن> دېيىلگەن. موڭغۇللار دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا 2000 دىنار بىر ئالتۇن بالىشقا، 200 دىنار بىر كۈمۈش بالىشقا، 10 دىنار بىر قەغەز بالىشقا تەڭ بولغان (راشىدى: <تارىخىي ئومۇمىيە>، 1 - كىتاب، 220 - بەت).