ياستۇق
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ياستۇق قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان بىر خىل مېتال پۇل نامى بولۇپ، ئۇ <پۈتۈن ياستۇق>، <يېرىم ياستۇق>، <ئالتۇن ياستۇق>، <كۈمۈش ياستۇق> دەپ ئايرىلغان. <كۈمۈش ياستۇق> - <ئالتۇن ياستۇق> نىڭ ئوندىن بىرىگە تەڭ بولغان، بىر كۈمۈش ياستۇق 50 ساتىر ھېسابلانغان. بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا ئۇ موڭغۇللار دەۋرىدىمۇ كەڭ قوللىنىلغان، <ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش> ناملىق كىتابتا: <موڭغۇللار زامانىدا 2274 گرام ئېغىرلىقتا بولغان، تۈركىي تىلدا <ياستۇق>، پارس تىلىدا <بالىش> دېيىلىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش نوكچىلار ئىشلىتىلگەنىدى. بۇ ياستۇقلارنىڭ ئوندىن بىرى سوم، ئەللىكتىن بىرى سىتىر دېيىلىدىغان كىچىك نوكچىلار ئىدى> دېيىلگەن، دېمەك ياستۇق بىر قەدەر چوڭ پۇل بىرلىكى بولۇپ، بىر ياستۇقنىڭ قىممىتى 2274 گرام ئالتۇنغا باراۋەر بولغان.
فېڭ جياشىڭ ئەپەندى <ياستۇق> نى <خەنزۇچە(锭) دېگەن خەتكە توغرا كېلىدۇ> (<شىنجاڭ ئارخىئولوگىيىسىنىڭ 30 يىلى> <خەنزۇچە>، 295 - بەت) دەپ قارايدۇ. فون گابائىننىڭ كۆرسىتىشىچە، ياستۇق پارسلارنىڭ <بالىش> ى بىلەن ئوخشاش قىممەتتىكى پۇل بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىگەر شەكىللىك قۇيما پۇلىغا باراۋەر ئىدى. بۇ نام ئۇيغۇرلار ئۇخلىغاندا بېشىغا قويىدىغان نەرسىنىڭ نامى - <يات - سۇق> (مەنىسى: يېتىشقا قۇلايلىق) تىن كەلگەن (A. V گابائىن: <قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇرمۇشى> <خەنزۇچە تەرجىمىسى>، 40 - بەت). قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىدا ئالتۇن ياستۇق، كۈمۈش ياستۇق، پۈتۈن ياستۇق، يېرىم ياستۇق دېگەندەك ئوخشىمىغان قىممەتتىكى ياستۇقلار بولغان. ياستۇق قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان ھەم قىممىتى ئېتىراپ قىلىنغان پۇل بولۇپ، بەزىدە قەغەز پۇللارمۇ ياستۇق نامى بىلەن ھېسابلانغان. بىر قەغەز ياستۇق 10 ساتىرغا تەڭ بولسا كېرەك. نوكچا شەكلىدىكى ياستۇق ئەڭ چوڭ پۇل بىرلىكى بولۇپ، بىر ياستۇق 50 سەرگە تەڭ.