سادېرا
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
سادېرا (sadera) - ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە دائىر ھۆججەتلەردە ئۇچرايدۇ. ئۇ سوغدى تىلىدا staters دەپ ئاتالغان. تۇخار تىلىدا stader دېيىلگەن بولۇپ، ئالتۇن پۇل ياكى ئېغىرلىق ئۆلچىمى قىلىنغان. ئامېرىكىلىق سانسىكرىتشۇناس ر سالومون (R.salomon) نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر سادېرا 15.08 گرامغا تەڭ بولغان. قەدىمكى يۇناندا بىر سادېرا تۆت دىراھماغا تەڭ بولۇپ، بىر دراھمانىڭ ئېغىرلىقى 411.3 گرام كېلىدىكەن (چېن مىڭ: <يېڭىدىن تېپىلغان بىر پارچە قارۇشتى يېزىقىدىكى دورا رېتسىپى توغرىسىدا>، <غەربىي يۇرت تەتقىقاتى>، 2000 - يىللىق 1 - سان).