UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىكۈرى ~ كۈرە

كۈرى ~ كۈرە

ئۆلچەم بىرلىكلىرى ياغاچ ياكى قومۇچتىن سۈكەن شەكلىدە ياسىلىدىغان ئاشلىق ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئەسۋاب بولۇپ، 10 شىڭغا تەڭ. <سىخەي> دە مۇنداق دېيىلگەن: <كۈرى (كۈرە 斗) - ئېغىزى چوڭ، تۈۋى كىچىك كەلگەن بىر خىل چاسا شەكلىدىكى ئۆلچەش ئەسۋابى. تۇتقۇچى بولىدۇ، ھەجىم بىرلىكى> (<سىخەي>، 1987 - يىلىدىكى نەشرى، 1767 - بەت). بۇ ئۆلچەش ئەسۋابى قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى دەۋرىدىلا قوللىنىلغان. فون گابائىن خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە بىر كۈرى (kuri) (كۈرە) = شىڭ. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن <ئۇيغۇر مەھكىمىسىنىڭ خەت - چەكلىرى> دېگەن كىتابتا: <كۇرى (kuri) - قەدىمكى بابىلۇننىڭ نەرسە ئۆلچەيدىغان ئەسۋابى، ئالتە ئېشەك يۈكى ياكى 60 سېۋەتكە باراۋەر> دېيىلگەن. قارىغاندا قەدىمكى زامان كۈرىسىنىڭ مىقدارى ناھايىتى چوڭ بولغان بولسا كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى