مۇلى
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
مۇلى ~ مول - قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە ئۇچرايدىغان پۇل بىرلىكى. بۇ ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىشلىتىلگەن پۇل ۋە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، بۇددا سانسىكرىت تىلىدا mulay (باھا) غا توغرا كېلىدۇ. ئۇ قەدىمدە غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى جايلاردا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن. ئۇدۇن ساك تىلىدا مۇلا (mula) ياكى مۇرا (mura)؛ سۇلې ساك تىلىدا مۇرا (mura) دەپ قوللىنىلغان. دۇنخۇاڭ تەتقىقات ئاكادېمىيىسىدىكى ياڭ فۇشۆنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلنى <پۇل> دەپ ئاتىشى قارۇشتى تىلىدىكى مۇلى (muli) دىن كەلگەن بولۇپ، بۇ تۈركچە <پۇلى> (puli) غا توغرا كېلىدۇ< دەپ قارايدۇ (ياڭ فۇشۆ: >قارۇشتى يېزىقىدىكى ھۆججەت - ۋەسىقىلەردە تىلغا ئېلىنغان پىشامشان ئېلىنىڭ تەڭگە پۇللىرى<، >گەنسۇ پۇل مۇئامىلىسى<، 1995 - يىلى 2 - سان، 39 - بەت). ئەينى دەۋردە قەدىمكى نىيا بەگلىكىدە بىر مۇلى پۇلغا بىر مىلىما يەنى 5.12 كىلوگرام ئاشلىق سېتىۋالغىلى بولاتتى.