چارەك Ⅱ
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
① كالىندار ھېسابىدا بىر پۈتۈن ۋاقىت بىرلىكىنىڭ تۆتتىن بىرى. چارەك ئەسىر - 25 يىلنى؛ چارەك سوتكا - ئالتە سائەتنى؛ چارەك سائەت - 15 مىنۇتنى بىلدۈرىدۇ. ② مەكتەپلەردە بىر ئوقۇش يىلىنىڭ تۆتتىن بىرى، بىر مەۋسۈمنىڭ يېرىمى <چارەكلىك ئىمتىھان - يېرىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھان>. ③ ئەنئەنىۋى ئېغىرلىق، ھەجىم بىرلىكى.