مەن
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
مەن ئەسلىدە ئەنجاننىڭ ئېغىرلىق بىرلىكى بولۇپ، ئاشلىق ئۆلچەيدىغان مەن ۋە ئالتۇن - كۈمۈش ئۆلچەيدىغان مەن دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ <تارىخى رەشىدى> ناملىق ئەسىرىدە: <بىر مەن >ئەنجان مېنى< كېپەك ئالتۇن 64 چارەككە باراۋەر (بۇ يەردىكى چارەك مەخسۇس ئالتۇن كۈمۈش ئۆلچەشتە قوللىنىلىدىغان چارەك بولۇپ، ئاشلىق ئۆلچەشتە قوللىنىلىدىغان چارەككە ئوخشىمايدۇ) بۇنىڭ ھەر بىر چارىكى 400 مىسقال> دېيىلگەن. چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ چىقىشىغا قارىغاندا، بىر مەن 2.944 كىلوگرامغا تەڭ كېلىدىكەن (راشىددىننىڭ <تارىخىي ئومۇمىيە> ناملىق ئەسىرىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىگە بېرىلگەن ئىزاھ. شاڭۋۇ نەشرىياتى 1986 - يىل نەشرى، 2 - كىتاب، 104 - بەت). بەزىلەر ئاشلىق ئۆلچەيدىغان مەننىڭ 117.76 كىلوگرام ياكى 256 كىلوگرامغا تەڭ بولىدىغانلىقىنىمۇ ھېسابلاپ چىققان. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئاشلىق ئۆلچەيدىغان <مەن> مۇ ئىككى خىل بولسا كېرەك. <مەن> دېگەن بۇ ئۆلچەم بىرلىكى يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ قوللىنىلغان (ھاجى نۇر ھاجى: <يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993 - يىل نەشرى، 112 - بەت). ھازىر تۈركمەنلەردە بىر مەن ئىككى پۇتقا توغرا كېلىدۇ.