ديۇيم
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ديۇيم (ئېنگلىز سۇڭى) - ئەنگلىيە - ئامېرىكا ئۆلچەم سىستېمىسىدىكى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، بىر ديۇيم ئادەتتە بىر فوت (ئېنگلىز چىسى) نىڭ 12 دىن بىرگىچە تەڭ بولىدۇ. ديۇيم دېگەن بۇ ئۆلچەم نامى قەدىمدە بۇغداي دانىچىسىدىن كەلگەن. 14 - ئەسىردىن ئىلگىرى بىر ديۇيمنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەمنىڭ باشمالتاق بارمىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا تەڭ بولۇپ، گوللاندىيە تىلىدا <ديۇيم> نىڭ مەنىسى <باشمالتاق> نى بىلدۈرەتتى. بىراق كىشىلەرنىڭ باشمالتاق ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولمىغاچقا، 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئەنگلىيە پادىشاھى ئېدۋارد Ⅱ بىر تال بۇغداي باشىقى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈچ تال داننى ئېلىپ قاتار تىزىپ، مۇشۇ ئۈچ تال داننىڭ ئۇزۇنلۇقىنى بىر ئۆلچەملىك ديۇيم قىلىپ قوللىنىشنى بەلگىلىگەن. بۇ ھازىر 25.4 مىللىمېترغا تەڭ.