كۇسا
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
كۇسا (kusa) - قەدىمكى ئۇدۇن يېزىقدىكى ۋەسىقىلەردە ئۇچرايدىغان ھەجىم ئۆلچىمى. قارۇشتى يېزىقىدىكى ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن: <خان ئوردىسىنىڭ پەرمانى ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى، پەرمان بويچە ھەر بىر كىشى 180 كۇسا ئاشلىق تاپشۇرسۇن، بىر كۇسانى ئەسكەرلەرگە بەرسۇن ...> (<خوتەن بوستانلىقى توغرىسىدا تەتقىقات>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1988 - يىل نەشرى، 235 بەت) دېيىلگەن. فون گابائىن <كۇسا> بىلەن <كۈرى> ئوخشاش دەپ قارايدۇ. كۇسا - ساپالدىن ياسالغان ئۆلچەش ئەسۋابى بولسا كېرەك.