UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىھەپتە

ھەپتە

ئۆلچەم بىرلىكلىرى كالىندار ھېسابىدا دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە، يەكشەنبىدىن ئىبارەت يەتتە كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تەكرارلىنىدىغان ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى، بىر ھەپتە يەتتە كۈن بولىدۇ. بۇ خىل ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلى ئەڭ دەسلەپ قەدىمكى مىسىرلىقلار، بابىللىقلار تەرىپىدىن قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يەتتە كۈننىڭ ھەر بىرىگە بىردىن پلانېتنىڭ نامىنى قويۇش ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇرلارمۇ يەتتە كۈننى بىر ھەپتە قىلىپ، ھەر بىر كۈنگە بىردىن پلانېتنىڭ نامىنى قويۇپ ۋاقىت خاتىرىلىگەن. مەسىلەن: سەكەنتر، ئوڭاي، كورۇد، قۇياش، سەۋىت، ئارزۇ، يالچىق.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ھەپتە | UyghurWiki | UyghurWiki