UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىقىران

قىران

ئۆلچەم بىرلىكلىرى قىران - ئەسلى مەنىسى جۈپلىشىش، قوشۇلۇش دېگەن سۆز (ئىمىن تۇرسۇن: <نۇرۇزنامە>، شىنجاڭ ياشىلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 43 - بەت) ھازىرقى ئىستېمالدا قىران چۈشەنچىسى ئىككى خىل، بىر خىلى بويىچە قىران 25 يىلغا تەڭ. يەنى بىر ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ. ئادەتتە كىشىلەرنى <قىرانىغا يەتتى> دېگەنلىك 25 ياشقا تولدى، جۈپلىشىش - نىكاھلىنىش مۇددىتىگە يەتتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىر خىل چۈشەنچە بويىچە قىران - تەخمىنەن 30 يىلغا تەڭ بولۇپ، بىر ئەسىرنىڭ ئۈچتىن بىرى نەزەردە تۇتۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قىران | UyghurWiki | UyghurWiki