UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىپوتەي

پوتەي

ئۆلچەم بىرلىكلىرى پوتەي - شىنجاڭدا يول مۇساپىسىنى ئۆلچەشتە قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق (مۇساپە) ئۆلچەم بىرلىكى. كونىلارنىڭ <مانچە پوتەي يول يۈردەم> دېگىنى مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان. پوتەي قەدىمكى تۇرلار ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. تارىختا ئۆتكەن ھەر قايسى ھاكىمىيەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئاساسلىق يوللارنى بويلاپ پوتەي (تۇر) لارنى ياساتقان. ئەينى چاغلاردا مۇشۇ پوتەيلەرگە ئاساسەن مۇساپە ھېسابلانغان. بەزى پوتەيلەردە ئۆتەڭ، سارايلار تەسىس قىلىنىپ، مەخسۇس كۈتكۈچى خادىملار تەيىنلەنگەن. ئۇلار پوچتا خادىملىرى، پوچتا ھارۋىلىرى، يولۇچى، سەيياھ، سودىگەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. كۈندۈزلىرى ئىس قويۇش (بۆرە مايىقىدا) ئارقىلىق يەنە بىر پوتەيگە ياكى قۇرغان، شەھەرلەرگە بەلگە بېرىلگەن. بىراق يەر شەكلى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پوتەيلەرنىڭ ئارىلىقى ئوخشاش بولمايتتى. ئادەتتە بىر چاقىرىمدىن تۆت چاقىرىمغىچە بولۇپ، يەنە مەلۇم بىر رايوندىكى پوتەيلەرنىڭ كونكرېت ئارىلىقى بەلگىلەنگەن. <تارىخىي ئەمىنىيە> دىكى <پوتەي> گە بېرىلگەن ئىزاھتا بىر پوتەي تۆت كىلومېترغا باراۋەر دېيىلگەن. بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بىر پوتەي 10 چاقىرىمغا، يەنى بەش كىلومېترغا تەڭ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى