تىيىن
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تىيىن - شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى پۇل بىرلىكى. ئازادلىقتىن ئىلگىرى بىر تىيىن بەش پۇلغا ياكى 10 داچەنگە باراۋەر ئىدى. بۇنداق پۇل <پۇل> ۋە <قارا پۇل> دەپمۇ ئاتىلاتتى (شاۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خىل پۇل بىر تەڭگىنىڭ 10 دىن بىرىگە باراۋەر كېلىدىكەن)، ئوتتۇرىسىدا چاسا تۆشۈكى بار ئىدى. 30 - يىللاردا غۇلجىدا ئۈچ يارماقنىڭ قىممىتى بىر تىيىن ئىدى، كېيىن ئىككى يارماق بىر تىيىن بولغان. 20 تىيىن بىر مىسقال ھېسابلىناتتى. ھازىر بۇ پۇل بىر <سوم> نىڭ يۈزدىن بىرىنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمدە ئىدىل بۇلغارلىرىدا تىيىن تېرىسى پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 100 دانىسى بىر سوم بولاتتى. مەرۋەزى مۇنداق دەيدۇ: <بۇلغار ئۆلكىسىگە كەلگەن كېمىلەر ۋولگا ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىدىن بۇلغار شەھىرى قۇرۇلغان يەردىكى يەرمەنكىگە كېلىشەتتى. ھازارلار ۋە ئۇلارنىڭ شىمالىدىكى قەبىلىلەر پۇل ئورنىغا تىيىن تېرىسى ئىشلىتەتتى> ئىبنى رۇستەھ: <ئۇلار ئارىسىدا بىر تىيىن تېرىسى ئىككى يېرىم دىرھەمگە تۇرىدۇ، دۈگىلەك ئاق دىرھەملەر ئىسلام ئۆلكىلىرىدىن كېلىدۇ> دەپ يازىدۇ. رۇسلارمۇ تىيىن تېرىسىنى پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئوردىغا سوۋغا قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملار ئارىسىدىمۇ تىيىن تېرىسى بولغان. مۇشۇلارغا ئاساسەن بەزىلەر <تىيىن> دېگەن پۇل نامى <تىيىن تېرىسى> دىن كەلگەن دەپ قارايدۇ.