UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىبال

بال

ئۆلچەم بىرلىكلىرى بال - ئادەتتە شامال كۈچى بىلەن يەر تەۋرەش دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان ئۆلچەم بىرلىكى. شامال كۈچىنى <بال> بىلەن ئىپادىلەش ئېلىمىزدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن لى چۈنفېڭ يوپۇرماقنىڭ مىدىرلىشى، نوتىلارنىڭ شىلدىرلىشى، شاخلارنىڭ ئىغاڭلىشى، يوپۇرماقلارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، كىچىك شاخلارنىڭ سۇنۇپ كېتىشى، چوڭ شاخلارنىڭ سۇنۇپ كېتىشى، دەرەخلەرنىڭ سۇنۇپ كېتىشى، قۇم - شېغىللارنىڭ ئۇچۇشى، دەرەخلەرنىڭ قۇرقۇرۇلۇپ كېتىشى< گە ئوخشاش تەبىئەت ھادىسىلىرىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ چىقىپ، شامال كۈچىنى 10 دەرىجىگە ئايرىغان ۋە بۇ توغرىدا مەخسۇس بىر كىتاب يازغان. كېيىن ئۇنىڭ ئەسىرى جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالاقىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ياۋروپاغا تارقالغان. ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ شاڭجياڭى 1805 - يىلى لى چۈنفېڭنىڭ شامال كۈچنى 10 بالغا ئايرىش ئۇسۇلىغا ئاساسلىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شامال كۈچىنى نۆلدىن باشلاپ 13 بالغا ئايرىغان.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى