UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىتىيزا

تىيزا

ئۆلچەم بىرلىكلىرى تىيزا - خەنزۇ تىلىدىن كەلگەن، ئۇ شىنجاڭدا ئازادلىقتىن ئىلگىرى تارقىتىلغان بىر خىل پۇل بولۇپ، ماتا رەخت ئۈستىگە تەڭشەلگەن سىر يالىتىلىپ ئۈستىگە نەقىش، خەت ۋە تامغا بېسىپ ئىشلەپچىقىرىلغان يەرلىك پۇلنى كۆرسىتىدۇ. بەزى جايلاردا بۇ خىل پۇلنى <ياغلىغۇ> دەپمۇ ئاتىغان. ئەينى يىللاردا بۇ پۇل ئالتۇن تىيزا، كۈمۈش تىيزا، ياغ تىيزا قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن. ئالتۇن تىيزا مىسقال، سەر، پۇڭلارنى بىرلىك قىلغان بولۇپ، بانكىدا ئالتۇنغا ئايرىۋاشلىغىلى بولاتتى. بۇ پۇلنى رۇس ئاسىيا بانكىسىنىڭ ئىلى، قەشقەر، تارباغاتايدىكى تارماقلىرى بېسىپ تارقاتقان؛ كۈمۈش تىيزا ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمىسى 1913 - يىلىدىن باشلاپ بېسىپ تارقاتقان ۋاقىتلىق كرېدىت چېكى خاراكتېرلىك قەغەز پۇل بولۇپ، بىر يۈەنىلىك، بەش يۈەنلىك، 10 يۈەنلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولغان. پەقەت ئالتاي رايونىدىلا ئوبوروت قىلىنىپ، 1919 - يىلى ئوبوروتتىن توختىغان. (مۇھەممەد يۈسۈپ: <شىنجاڭ تارىخىدىكى پۇللار>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994 - يىل نەشرى). ياغ تىزىنى 1912 - يىلىدىن 3819 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شىنجاڭ مالىيە نازارىتى بېسپ تارقاتقان بولۇپ، قەشقەر، خوتەن رايونلىرىدا ئوبوروت قىلىنغان. قەشقەر، خوتەن ئوبوروت قىلغان تىيزا 400 داچەنلىك (ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ پۇلنى مەخسۇس قەشقەر تەۋەسىدىلا ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن)، 100 داۋچەنلىك، 40 داچەنلىك ... بىر نەچچە خىل ئىدى. 1889 - يىلى تارقىتىلغان 1000 مىسقاللىق ئىلى تىيزىسى بىر سەر كۈمۈش پۇلغا باراۋەر بولغان.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى