UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىجۇ

جۇ

ئۆلچەم بىرلىكلىرى جۇ - ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى پۇل بىرلىكى بولۇپ، ئەسلى مەنىسى <قىممەت باھالىق تاشلار، ئۈنچە - مارجان، زۇمرەت، سەدەپ> قاتارلىقلارنى كۆرسىتەتتى. كېيىن قۇلۇلە قېپى پۇل قىلىپ ئىشلىتىلگەندە قۇلۇلە قېپىنى قىممەتلىك تاشلارغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى بويىچە 10 قۇلۇلە قېپى بىر تىزىق قىلىنىپ بىر <بىڭ>، 10 <بىڭ> بىر <جۇ>غا ئالماشتۇرۇلغان. ئۆلچەملىك سەر بىرلىك قىلىنغان مېتال پۇل بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، بۇ نام سەردىن كىچىك پۇل بىرلىكى قىلىنغان ۋە 24 جۇ بىر سەرگە ئالماشتۇرۇلغان. يېرىم سەر 12 جۇغا تەڭ بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان (ئەركىن روزى: <قەدىمكى شىنجاڭنىڭ پۇل بىرلىكلىرى>، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، 1993 - يىللىق 2 - سان).
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى