UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىدور

دور

ئۆلچەم بىرلىكلىرى قەدىمدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇب گىرۋەكلىرىدە ياشىغان كىشىلەر بۇ نامنى يەر مەيدان ئۆلچىمى قىلىپ قوللانغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر دور تاڭ دەۋرىدىكى ئۆلچەم بويىچە 10 مو، يېرىم دور بەش موغا تەڭ بولغان. ھازىر زاڭزۇلار خەلقئارا سىستېمىدىكى <مو> دىن سىرت يەنە بۇ ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بىرلىكى بىلەنمۇ يەر ئۆلچەيدۇ. ئۇلاردا بىر دور يەر ئىككى كالا قېتىلغان قوش بىلەن بىر كۈندە ھەيدىگىلى بولىدىغان يەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلاردا بۇ نامنىڭ ئورنىغا مۇشۇ مەنىدىكى <بىر قوش يەر> دېگەن ئاتالغۇ قوللىنىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
دور | UyghurWiki | UyghurWiki