كۆمەر
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
بۇ نام تۇرپاندىن تېپىلغان بىر پارچە ئىقتىسادىي ھۆججەتتە <ئون ئالتە ئەر كۆمەر ئۈزۈملۈك> شەكلىدە ئۇچرايدۇ. رەشىد رەھمەتى ئارات بۇنىڭدىكى <كۆمەر> نى تۈركچە <ئامەلىك> دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇ ئۇيغۇرچىدا <ئىشچىلىق> دېگەنلىك بولىدۇ (ت. ھوشۇر): <يازما يادىكارلىق - بىرپارچە ئىقتىسادىي ھۆججەت>، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، 1993 - يىللىق 3 - سان. شۇنداق بولغاندا <ئون ئالتە ئەر كۆمەر ئۈزۈملۈك> دېگەن سۆز <ئون ئالتە ئادەم ئىشلەيدىغان ئۈزۈملۈك> ياكى <ئون ئالتە ئادەم ھۆددىسىدىن چىقىدىغان ئۈزۈملۈك> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك بۇ ئەينى دەۋردە، يەنى قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قوللىنىلغان مەخسۇس تەكلىك يەرلەرنىڭ كۆلىمىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلغان يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى بولسا كېرەك.