فوت
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئەنگلىيىنىڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى بولۇپ، 21 ئېنگلىز سۇڭىغا يەنى 0.3048 مېترغا تەڭ. <فوت> دېگەن نام ئېنگلىز تىلىدا <تاپان> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان <Foot> تىن كەلگەن بولۇپ، قەدىمدە بىر فوت قۇرامىغا يەتكەن بىر ئەرنىڭ بىر پۇتىنىڭ تاپاندىن بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقىغا تەڭ بولغان ئۇزۇنلۇقن بىلدۈرگەن ۋە پۈتكۈل ياۋروپادا قوللىنىلغان. بىراق ئادەمنىڭ تەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن بىر ئۆلچەملىك فوتنى بېكىتىش زۆرۈر بولغان. 16 - ئەسىرگە كەلگەندە گېرمانىيىلىكلەر بىر يەكشەنبە كۈنى چېركاۋدىن ئەڭ بۇرۇن چىققان 16 نەپەر ئەرنن تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ تاپان ئۇزۇنلۇقىنى قوشۇپ ئاندىن 16 گە بۆلۈپ ئوتتۇرىچە قىممەتنى <فوت> نىڭ ئۆلچەملىك ئۇزۇنلۇق مىقدارى قىلغان.