UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىمول

مول

ئۆلچەم بىرلىكلىرى مول (~ مۇلى) - شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە ئۇچرايدىغان پۇل بىرلىكى. قارۇشتى يېزىقىدىكى 579 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە: < ... 1 مىلما Khi نىڭ ئونىنچى دەرىجىسى (ئۇچۇم ياكى چاڭگال) ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەرنى قىممىتى 12 مولغا يارايدىغان 13 غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى گىلەمگە ساتتۇق> دېيىلگەن؛ 592 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە: <... قىزىمنى قىممىتى 30 مولغا يارايدىغان بىر تۆگە بىلەن بىر پارچە ئۇدۇن گىلىمىگە ساتتىم> دېيىلگەن (<خوتەن بوستانلىقىغا دائىر تەتقىقاتلار>، شىنجاڭ خگلق نەشرىياتى، 1988 - يىل نەشرى <خەنزۇچە>، 126 - بەت). يەنە نىيادىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە: <ئۇلار 25 شىق (ئەنگىلىيىلىك ئالىم W . H Bailey. قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى >شىق< بىلەن تەڭ كېلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ تۈركىي تىلدىن كېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى دەيدۇ) كۈنجۈتنى سېتىپ 2500 مول پۇل ئالدى> دېيىلگەن. پۇل ئورنىغا بۇيۇم ياكى تۆگە بەرگەنلىكىدىن قارىغاندا بۇ پۇل ئەينى دەۋردە بىر قەدەر قىس بولغان، لېكىن 25 شىق ئاشلىقنىڭ 2500 مول پۇلغا، يەنى بىر شىق ئاشلىقنىڭ 100 مولغا يارىغانلىقىدىن قارىغاندا، قەدىمكى نىيا بەگلىكىدە ئاشلىقنىڭ باھاسى ئىنتايىن ئۆرلەپ كەتكەن. بۇ ئەھۋال نىيا،. كرورەن ئەللىرىنىڭ قۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، چۆللىشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
مول | UyghurWiki | UyghurWiki