قورا (قوتان)
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
بۇ چارۋىلارنى سولايدىغان جاينىڭ نامى بولۇپ، ئادەتتە ياغاچ بىلەن قاشالاپ ياسىلىدۇ. كېيىن بەزى جايلاردا سوقما تام بىلەنمۇ ياسىلىدىغان بولغان. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئۇ يەنە <قورو> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەمما مۇقىم سانى بەلگىلەنمىگەن. <تارىخىي ھەمىدى> دە يېزىلىشىچە قومۇل ۋاڭلىقى زامانىسىدا بىر قورا (قوتان) قوينىڭ سانى 700 - 1200 گىچە بولغان (موللا مۇسا سايرامى: <تارىخىي ھەمىدى> مىللەتلەر نەشرىياتى 1986 - يىل نەشرى 290 - بەت). ھازىر تەخمىنەن 300 تۇياق قوي بىر قورا قوتان ھېسابلىنىدۇ.