UyghurWiki
UyghurWikiئۆلچەم بىرلىكلىرىبالىش

بالىش

ئۆلچەم بىرلىكلىرى بالىش - پارسچە كۈمۈش پۇل بىرلىكىنىڭ نامى. ئۇ پارس تىلىدا <ياستۇق> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل پۇلنىڭ شەكلى ياستۇققا ئوخشىتىپ قۇيۇلغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن <ئۇيغۇر مەھكىمىسىنىڭ خەت - چەكلىرى> <回回馆杂字> دېگەن كىتابتىكى سۆزلۈكلەرگە بېرىلگەن ئىزاھتا: (balish) 把力石 - ياستۇق دېگەنلىك. جۇڭگونىڭ كۈمۈش پۇلى بولغان <دىڭ> (锭) شەكلى ياستۇققا ئۇخشىغانلىقتىن <كۈكۈش ياستۇق> دېگەن مەنىدىمۇ كېلىپ، 50 سەر بىر <دىڭ> كۈمۈشكە باراۋەر كېلىدۇ. يۈەن دەۋرىدىكى پارسچە يازما ماتېرىياللاردا كۈمۈش توغرۇلۇق سۆزلەنگەندە <بالىش> بىرلىك قىلىنغان. <بىر بالىش - جۇڭگونىڭ بىر دىڭ كۈمۈشىگە باراۋەر كېلىدۇ> دېيىلگەن (<ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلمى ژۇرنىلى>، 5 - سان، 270 - بەت). <چاغاتايچە لۇغەت> تە: <ئالتۇن بالىش 2000 دىنار، كۈمۈش بالىش 200 دىنار بولىدۇ> دېيىلگەن. راشىدىننىڭ <تارىخىي ئومۇمىيە> ناملىق ئەسىرىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىگە بېرىلگەن ئىزاھتا: <بىر قەغەز بالىش 10 دىنارغا باراۋەر> دېيىلگەن. <تارىخىي رەشىدى> نىڭ مۇئەللىپى <بالىش ئوتتۇرىسى ئويمان، خىش شەكلىدە قۇيۇلغان، بىر بالىش 500 (كۈمۈش) مىسقالغا تەڭ> دەيدۇ (مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر: <ئوتتۇرا ئاسىيا موغۇل تارىخى> <خەنزۇچە>، 149 - بەت).
← بارلىق تېمىلار ئۆلچەم بىرلىكلىرى
بالىش | UyghurWiki | UyghurWiki