دىراھما Ⅰ
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
دىراھما ~ دىراكما (drachma) - (德拉合玛) كۈمۈش پۇلنىڭ نامى ۋە بىرلىكى بولۇپ، مىلادى 7 -، 8 - ئەسىرلەردە ئۇدۇن قاتارلىق جايلاردا ئوبوروت قىلىنغان. بىر دىراھما 60 فانىغا تەڭ. ئەرەب تىلىدىكى <دىرھەم> نىڭ مۇشۇ نامىدىن كېلىش ئېھتىمالى بار. ئۇ يەنە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى قىلپمۇ قوللىنىلغان، <دىراھما Ⅱ> گە قاراڭ.