فابۇر
ئۆگىنىش
فابۇر فرانسىيىلىك داڭلىق ھاشاراتشۇناس بولۇپ،10 توملۇق داڭلىق ئەسەر «ھاشاراتلار خاتىرىسى» نى يېزىپ400 خىلدىن ئارتۇق ھاشاراتنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلغان. ماھىرلىق بىلەن كۆزىتىش ئۇنىڭ ئىلىم - پەن ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.
فابۇر دائىم ئىمكانىيەت يار بېرىدىغان بارلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىلمىي كۆزىتىش بىلەن شۇغۇللانغان، ھاشاراتلارنىڭ پائالىيىتىنى مەستانىلەرچە كۆزەتكەن. بىر قېتىم ئۇ يول بويىدا نۇرغۇن چۈمۈلىنىڭ بىرلىكتە بىرنەچچە ئۆلۈك چىۋىننى توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرغىنىچە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى مىكروسكوپ بىلەن بېرىلىپ كۆزىتىشكە كىرىشىپ كەتكەن. ئۇ پۈتۈن بەدىنى چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈپ، پۇت - قوللىرى ئۇيۇشۇپ كەتسىمۇ يەنىلا ھارغىنلىق ھېس قىلماي، چۈمۈلىلەرنى ئۇدا تۆت سائەت كۆزەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ قالغان.
يەنە بىر قېتىم ئۇ بىر تۈپ دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ، تېزەكچى قوڭغۇزنىڭ پائالىيىتىنى كۆزىتىشكە پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىپ كېتىپ، ئەتراپىدىكى ھەممە ئىشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان. ئاقىۋەتتە كىشىلەر ئۇنى ئوغرى ئوخشايدۇ دەپ تۇتماقچى بولغان، ئۇ شۇندىلا ئېسىگە كېلىپ ئىشىنى توختاتقان. بىر كۈنى ئەتىگەندە يېزىلىق بىرنەچچە ئايال سىرتقا ئىش قىلغىلى چىقىپ، فابۇرنىڭ يەردە يېتىۋېلىپ، كۆزىنى چوڭ ئاچقىنىچە بىر تاشقا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن، كۈن ئولتۇرغاندا ئۇلار ئىشىنى تۈگىتىپ ئۆيىگە قايتىشىدا فابۇرنىڭ يەنىلا يەردە يېتىۋېلىپ بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھەمدە ئۇنى بىرەرى ئۈچۈن دۇئا - تىلاۋەت قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالغان. ئەمەلىيەتتە، فابۇر توپتوغرا بىر كۈن تاشنىڭ ئۈستىدىكى ھاشاراتلارنى كۆزىتىپ چىققان.
مەلۇم كونكرېت كۆزىتىشنىڭ نەتىجىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، فابۇر دائىم كۆزىتىش پائالىيىتىنى تاكى شۇ نەتىجىگە ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇدا بىرنەچچە ھەپتە، ھەتتا بىرنەچچە يىل ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. بىر قېتىم ئۇ ئۇدا بىرنەچچە ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر كونا تامنى كۆزىتىپ، خالتىلىق ئۆمۈچۈكنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى تەپسىلىي كۆزەتكەن. ئۇ يەنە توپتوغرا ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەركەك پىلە قۇرتىنىڭ چىشى پىلە قۇرتىغا جۈپلىشىش تەلىپىنى قانداق قويىدىغانلىقىنى كۆزەتكەن. لېكىن، كۆزىتىش نەتىجىسىگە ئېرىشەي دەپ قالغاندا، ھېلىقى ئەركەك پىلە قۇرتىنى بىر ياچىۋەك يەپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ قايتىدىن كۆزەتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ھەقتە مۇكەممەل ۋە توغرا كۆزىتىش خاتىرىسىگە ئېرىشكەن.
فابۇر ئۇزاققىچە قەتئىي بوشاشماي ھاشاراتلارنىڭ پائالىيىتىنى كۆزەتكەچكە، ھاشارات دۇنياسىدىكى خىلمۇخىل قىزىقارلىق سىرلارنى يېشىپ چىققان، شۇڭا دارۋىن ئۇنى «دۇنيادا تەڭدىشى يوق كۆزەتكۈچى» دەپ تەرىپلىگەن.