UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشگاۋس

گاۋس

ئۆگىنىش گاۋس گېرمانىيىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ماتېماتىكا ئالىمى، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، مەسىلىلەرنى دائىم ئىجادىي يوسۇندا تەھلىل قىلاتتى ۋە ھەل قىلاتتى. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئوقۇتقۇچىسى دوسكىغا: «?=100+99+98+… +3+2+1» دېگەن سوئالنى يېزىپ، كىمنىڭ ئەڭ تېز ھەم توغرا ھېسابلاپ چىقالايدىغانلىقىنى سىنايدۇ. باشقا ئوقۇغۇچىلار دەرھال قەغەز - قەلەملىرىنى ئىشقا سېلىپ1 دىن باشلاپ100 گىچە بولغان سانلارنى قوشۇشقا كىرىشىپ كېتىدۇ، لېكىن خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ بىرەرى ھېسابلاپ بولالمايدۇ. گاۋس قولىغا قەلەم - قەغەز ئېلىشقا ئالدىرىماي، دوسكىغا قارىغىنىچە: بۇ سوئال باشقىچىرەك تۇرىدۇ،1 دىن100 گىچە بولغان سانلارنى بىر - بىرلەپ قوشۇپ چىقىشقا بەك جىق ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇنى ھېسابلاشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇلى يوقمۇ، دېگەنلەرنى ئويلايدۇ. ئاندىن قولىغا قەلەم ئېلىپ ئانچە ھايالشىمايلا ناھايىتى ئاددىي بىر خىل ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قەغەزگە يېزىپ چىققاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىسىغا1 دىن100 گىچە بولغان سانلارنى قوشقاندا5050 بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ بۇ سوئالنى بۇنچە تېز ھېسابلاپ چىققانلىقىدىن تولىمۇ ھەيران قالىدۇ. ئەسلىدە، گاۋس1 دىن100 گىچە بولغان سانلارنى بىر باشتىن قوشۇپ ھېسابلىغاندا، سۈرئەتنىڭ ئاستا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھەم ئوڭايلا خاتالىق كۆرۈلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئوبدان ئويلىنىش ئارقىلىق:1 گە100 نى،2 گە99 نى،3 كە98 نى … تەرتىپ بويىچە قوشقاندا ھەممىسىنىڭ101 بولىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ سانلارنىڭ دەل50 جۈپ ئىكەنلىكىنى، يەنى101 دىن50 ى بارلىقىنى، شۇڭا50 نى101 گە كۆپەيتسىلا بۇنىڭ جاۋابى5050 بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى تېپىپ چىققان. شۇنداق قىلىپ، گاۋس بۇ سوئالنى باشقىلارغا قارىغاندا ھەم تېز، ھەم توغرا ھېسابلاپ چىققان. مۇستەقىل تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ماھىر گاۋس كېيىن دەرۋەقە داڭلىق ماتېماتىكا ئالىمى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، ماتېماتىكىدىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، «ماتېماتىكا شاھزادىسى» دەپ تەرىپلەنگەن. ھازىرقى زامان پسىخولوگىيە ئىلمىدىن قارىغاندا، كۆزىتىش ئىقتىدارى ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئاساسى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كۆۋرۈك، تەپەككۇر ئىقتىدارى بولسا، ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يادروسىدۇر. مۇستەقىل تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولغانلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ھەرقانداق بىلىمنى مۇستەقىل تەپەككۇر يۈرگۈزمەي تۇرۇپ ھەقىقىي ئىگىلىۋالغىلى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش
گاۋس | UyghurWiki | UyghurWiki