UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشبىلىمنى جانلىق تەتبىقلاش

بىلىمنى جانلىق تەتبىقلاش

ئۆگىنىش كىتاب ئوقۇشتىن مەقسەت كىتابتىكى بىلىملەرنى قورال قىلىپ، رېئال تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرنى بىلىش ۋە ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر. كىتابتىكى مەزمۇنلارنى ئۆلۈك ئىشلەتكەندە، قىلغان ئىشتىن چاتاق چىقىدۇ. ئېلىمىزنىڭ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان پەيلاسوپ جۇ شى «كىتابنى ئۆلۈك ئوقۇغانلىق ئوقۇمىغانغا باراۋەر» دېگەن، شۇڭا بىز كىتابنى جانلىق ئوقۇشىمىز كېرەك. كىتابنى جانلىق ئوقۇشتا، كىتابنى مۇئەييەن مەقسەت - مۇددىئا بىلەن ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىر كىتابنى قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭ مەزمۇن چۈشەندۈرۈشىنى كۆرۈپ چىقسىڭىز، ئۇنىڭدا قايسى جەھەتتىكى ئىشلارنىڭ سۆزلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن قانداق بىلىمگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزنى، قانداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلەلەيسىز. دېمەك، ئېنىق مەقسەت - مۇددىئا بىزنى كىتابتىكى پاكىت ۋە ساۋاقلارغا دىققەت قىلىشقا يېتەكلەيدۇ ھەمدە چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن كىتابتىكى ئەڭ نېگىزلىك مەزمۇنلارنى تۇتۇپ، ئۇنى چوڭقۇر چۈشىنىۋېلىش كېرەك. مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز ئالدىغا چۈشەنچە پەيدا بولسا، بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلارنى چۈشىنىۋالغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. كىتابتا سۆزلەنگەن مەسىلىلەرگە كەلسەك، قاراشلارغا ئاساسەن، شۇ قاراشلارنىڭ زادى توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكى، ئۆزىنىڭ ئوي - پىكرى بىلەن كىتابتىكى بايانلار ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرقلەر بارلىقى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پىكىر يۈرگۈزۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەھلىل قىلىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. مەقسەت بىلىمنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلىۋېلىش بولماستىن، بەلكى ئۇنى ئەمەلىيەت داۋامىدا قوللىنىش ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزى بىلمىگەن ساھەلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشتۇر. جەنۇب - شىمال سۇلالىلەر دەۋرىدە جيا سىشيې دېگەن بىر ئادەم ئۆتكەنىكەن، ئۇ شۈن زىنىڭ «پەند - نەسىھەت» دېگەن كىتابىنى ئوقۇۋېتىپ، «قامغاق كەندىر ئارىسىدا يۆلىمىسىمۇ تۈز ئۆسىدۇ» دېگەن قۇرلارنى ئوقۇپ، كۆڭلىدە: ئىنچىكە قامغاق توم كەندىرنىڭ ئارىسىدا تۈز ئۆسەلىگەنىكەن، ئىنچىكە، ئاجىز تۇخۇمەك نوتىسىمۇ كەندىرلىكتە مۇشۇنداق ئۆسەلەمدىغاندۇ، دېگەنلەرنى ئويلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ھەقتە تەجرىبە ئىشلەشكە كىرىشكەن. كەندىرلىكتە قۇياش نۇرى توسۇۋالغاچقا، تۇخۇمەك جېنىنىڭ بارىچە ئۇزۇنىسىغا ئۆسۈشكە باشلىغان، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇخۇمەك دەرۋەقە ئېگىز ھەم تۈز ئۆسكەن. دېمەك، جيا سىشيې كىتابتىكى بىلىملەرنى تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى بىر خىل ئومۇميۈزلۈك ھادىسىنى بايقاپ چىققان، مانا بۇ كىتابنى جانلىق ئوقۇشنىڭ ئوبدان مىسالى. ئۆگىنىش داۋامىدا قورساقتىكى بىلىمنى جانلىق ئىشلەتكەندە، بىلىمنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋالغىلى ۋە ئەستە ساقلىغىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىقتىدارنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىجادكارلىقنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. ئۆگەنگەن بىلىمى ۋە ئىقتىدارىنى جانلىق ئىشلىتىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشتە، «ھۇرۇنلۇق قىلىش» ۋە «قورقۇش» ئىدىيىسىنى چوقۇم تۈگىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش
بىلىمنى جانلىق تەتبىقلاش | UyghurWiki | UyghurWiki