كيۇرى خانىم
ئۆگىنىش
كيۇرى خانىمنىڭ تولۇق ئىسمى مارى كيۇرى بولۇپ، فرانسىيىلىك داڭلىق ئالىم. ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆگىنىپ ۋە ئىشلەپ، قىلچىمۇ ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي، بارلىقىنى ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا تەقدىم قىلىپ، كېيىنكىلەرگە شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن.
كيۇرى خانىم پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقاندا، ئازادە مۇھىتتىن ۋاز كېچىپ بىر كونا ئۆيدە ئۆزى يالغۇز تۇرۇشقا باشلىغان. ئۇ پۇل تېجەش، تېخىمۇ مۇھىمى ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن قىش كۈنلىرى كۆمۈرنى ناھايىتى تېجەپ قالايتتى، توڭۇپ چىدىيالماي قالسا، ئىسسىق بولسۇن ئۈچۈن يوتقاننىڭ ئۈستىگە ئورۇندۇقنى قويۇپ قوياتتى؛ گۆشنىمۇ ناھايىتى ئاز يەپ، ئۇدا نەچچە ھەپتىنى بولكا بىلەن ئۆتكۈزەتتى. بىر كۈنى ئۇ بىر تال تۇرۇپ ۋە نەچچە تال شاپتۇل بىلەنلا قورسىقىنى ئەستەرلىۋېلىپ ئەتىگەن سائەت ئۈچكىچە ئۆگىنىش قىلىپ، ئاخىر بېشى قېيىپ يىقىلىپ چۈشكەن.
كيۇرى خانىم ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئېرى بىلەن بىرلىكتە پەن تەتقىقات خىزمىتىگە ئاتلانغان، ئۇلارنىڭ تەجرىبىخانىسى، تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىمۇ يوق ئىدى. ئۇلار ساپ رادىينى ئايرىپ چىقىش ئۈچۈن ئاتنىڭ ئېغىلىدەك كېلىدىغان بىر ئېغىز كونا ئۆيگە بىر چوڭ قازاننى قويۇپ ئاسفالت داشقىلىنى ئېرىتكەن. ئۇ قازاندا پورۇقشىپ قايناپ تۇرغان رۇدا داشقىلىنى تۆمۈر كالتەك بىلەن قوچۇيمەن دەپ پات - پات قوللىرىنى كۆيدۈرۈۋالاتتى، يەنە ئۇنىڭدىن چىققان ماددىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇراتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئاشۇ كىچىككىنە ئۆيدە تۈننى كۈنگە ئۇلاپ جاپالىق ئىشلەيتتى. ئۇزاق مۇددەت تەجرىبە قىلىش نەتىجىسىدە، ئۇلار نەچچە توننا ئاسفالت داشقىلىدىن ئاخىر ئوندىن بىر ئۈلۈش ساپ رادىينى ئايرىپ چىققان. كېيىن ئۇنىڭ ئېرى كيۇرى ئەپەندى بەختكە قارشى پەيتۇننىڭ تېگىدە قېلىپ ۋاپات بولغان. كيۇرى خانىم قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ھەسسىلەپ تىرىشىپ ئىشلەپ، رادىي تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىر نۇرغۇن كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ھەمدە ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا قوشقان ئاجايىپ تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
كيۇرى خانىم پۈتۈن ھاياتىنى ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا ئاتىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم - پەن نەتىجىلىرىنى ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ قىلىۋالمىغان. رادىي كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» قىلىۋالماستىن، جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت - سائادەت يارىتىشقا ئىشلەتكەن. لېكىن، ئۆزى نامراتلىق دەستىدىن تەتقىقات بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشقا كېرەكلىك بىر گرام رادىي سېتىۋالالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئاياللىرى100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە توپلاپ ئۇنىڭغا بىر گرام رادىي ئېلىپ بەرگەن. ئۇ رادىي تەقدىم قىلىش گۇۋاھنامىسىگە بۇ رادىينى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكى يېزىپ قويۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال: بۇ رادىي مېنىڭ شەخسىي مۈلكۈمگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، ئۇ مەڭگۈ ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا مەنسۇپ، دەپ بايانات ئېلان قىلغان.
ئىلىم - پەن يولى تۈز بولمايدۇ، بۇ يولدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەمدە ئۆزىنى تەقدىم قىلىش روھى بولمىسا، كۈچلۈك ئىرادىگە كەلگىلى بولمايدۇ ياكى قىيىنچىلىق ئالدىدا تىز پۈكۈشكە مەجبۇر بولىدۇ ۋە ياكى شەخسىي مەنپەئىتىنىڭ پۇتلىكاشىڭىغا ئۇچراپ، يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ.