UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىش«ئائىلە كۇتۇپخانىسى» تەسىس قىلىش

«ئائىلە كۇتۇپخانىسى» تەسىس قىلىش

ئۆگىنىش بىر پارچە ياخشى كىتاب بىر ياخشى ئوقۇتقۇچىدۇر. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىنى ئۆيگە «تەكلىپ» قىلىپ، ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىڭىزغا مەسلىھەت بېرەلەيدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە تېخىمۇ ياردەم بېرىدۇ. دېمەك، ھەربىر ئائىلىدە مۇئەييەن ساندا كىتاب ساقلاش كېرەك. «ئائىلە كۇتۇپخانىسى» تەسىس قىلغاندا، بىلىمگە ۋە مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر خىل ئائىلە كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، بۇ، بالىلاردا پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئىنتىلىدىغان پوزىتسىيە يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق، بۇ خىل پسىخىكا بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ئائىلىدە كىتاب ساقلىغاندا، ئۇنىڭ مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە بولۇشىغا، قىزىقارلىق ۋە قوللىنىشچان بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە خىل تۈرى بار: قورال تۈرىدىكى كىتابلار. بۇنىڭغا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى لۇغىتى، شىنخۇا لۇغىتى، ئىنگلىزچە - خەنزۇچە چوڭ لۇغەت، جۇڭگو ئاتلىسى، دۇنيا ئاتلىسى ۋە بالىلار قامۇسى قاتارلىق كىتابلار كىرىدۇ. دەرستىن سىرتقى تەكرار كىتابلىرى. بۇنداق كىتابلارنى ئوقۇتقۇچى ياكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە سېتىۋېلىش كېرەك، بۇ تۈردىكى كىتابلارنىڭ ئاز، ساز بولغىنى ياخشى. بالىلارغا ماس كەلمەيدىغان كىتابلار ئۇلارنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىپلا قالماي، بەزى سۈپەتسىز «مەشىق كىتابى» ۋە «تەكرارلاش كىتابى» بالىلارنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويۇشى مۇمكىن. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدىغان جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسى، جۇڭگو كلاسسىك شېئىرلىرىنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نۇسخىسى. ئىنقىلاب ئەسلىمىلىرى، پرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى، ئالىملار ۋە داڭلىق شەخسلەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى. يېزىق بىلەن رەسىم بىرلەشتۈرۈلگەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياش قۇرامىغا ۋە بىلىم سەۋىيىسىگە ماس كېلىدىغان مەخسۇس ياكى ئۇنىۋېرسال قەرەللىك ژۇرناللار.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش
«ئائىلە كۇتۇپخانىسى» تەسىس قىلىش | UyghurWiki | UyghurWiki