UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىششى فېڭشۇ

شى فېڭشۇ

ئۆگىنىش شى فېڭشۇ ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تېز ھېسابلاش مۇتەخەسسىسى، ئۇ بالىلىق مەزگىلىدىلا تېز ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان. تەسەۋۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ماھىرلىق بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىدىغان ئادەت ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ئاساس بولغان. شى فېڭشۇ بالىلىق چاغلىرىدا ئادەتتىكى قائىدە - يوسۇنلارنى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپ، باشقىلار ئويلاشقا پېتىنالمىغان مەسىلىلەرنى ئويلايتتى. شى فېڭشۇ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، تەسەۋۋۇر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ ھەمدە تەسەۋۋۇرىنى ئىلىم - پەنگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش قىلىش بىلەن ئىجادىي تەپەككۇر يۈرگۈزۈشنى بىرلەشتۈرگەن. ئۇ2 - يىللىققا چىققاندىن كېيىن بىر قېتىملىق ھېسابلاش دەرسىدە مۇئەللىمنىڭ دوسكىغا يېزىۋاتقان ھېسابلاش سوئاللىرىغا قارىغاچ: كىشىلەر خەتنى سولدىن ئوڭغا قاراپ ئوقۇيدۇ ۋە يازىدۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن سان - سىپىرلارنى ئوڭدىن سولغا قاراپ، كىچىك ساندىن باشلاپ ھېسابلايدۇ؟ سان - سىپىرلارنىمۇ سولدىن ئوڭغا، چوڭ سانلاردىن باشلاپ ھېسابلىغىلى، ئوقۇش، يېزىش، ھېسابلاشنىڭ تەرتىپىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولارمۇ؟ چوڭ سانلاردىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ھېسابلاش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولامدۇ، يوق، دېگەنلەرنى ئويلايدۇ ھەمدە بۇ ئويىنى مۇئەللىمگە ئېيتىدۇ. مۇئەللىمى ئۇنىڭ دېگەنلىرىدىن ناھايىتى ھەيرانلىق ھېس قىلىپ، كىشىلەر سان - سىپىرلارنى ئىزچىل تۈردە ئوڭدىن سولغا قاراپ ھېسابلاپ كەلگەن، تا مۇشۇ كەمگىچە بىرەر كىمنىڭ سولدىن ئوڭغا قاراپ ھېسابلاپ باققانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق، دەيدۇ. شۇنداقتىمۇ شى فېڭشۇنىڭ بۇ ئويلىرى ئاتا - ئانىسى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ سان - سىپىرلاردىن چوڭىدىن كىچىكىگە قاراپ ھېسابلاش قانۇنىيىتىنى سىناق قىلىشقا كىرىشىدۇ ھەمدە10 ئايدىن كېيىن ھەرقانداق بىر ساننى2 دىن9 غىچە بولغان سانلار ئىچىدىكى چوڭ سانغا كۆپەيتىشتىن باشلاپ ھېسابلاش قانۇنىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە تېپىپ چىقىدۇ. ئۈچ يىلدىن كېيىن كۆپ خانىلىق سانلارنى ئۆزئارا كۆپەيتىشنىڭ تېز ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ھەل قىلىدۇ.13 يېشىدا ئۆزى سىستېمىلاشتۇرغان تېز ھېسابلاش ئۇسۇلىنى دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كەلتۈرىدۇ.16 يېشىدا قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش، يىلتىز چىقىرىش، كۋادراتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش ئېغىزچە تېز ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرىدۇ. تەسەۋۋۇر بولمىسا ئىجاد قىلغىلى بولمايدۇ، مول تەسەۋۋۇر «ئىلھام» نىڭ تۇپرىقى، ئىجادىيەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش