UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشماتېرىيال توپلاش

ماتېرىيال توپلاش

ئۆگىنىش كىشىلەر لى بەينىڭ قىزغىن ھېسسىياتقا تولغان ئويناق شېئىرلىرى ۋە لۇشۈننىڭ دەل جايىغا تەگكۈزۈپ يېزىلغان فېليەتونلىرىنى كۆرگىنىدە: «ئۇلار شۇنچە كۆپ ماتېرىيالنى نەدىن تاپقاندۇ، بۇنچە كۆپ ئېسىل سۆزلەرنى قانداق ئويلاپ چىققاندۇ؟» دەپ ئىختىيارسىز ھالدا سورىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي، يەنى ئۇلار جاپا چېكىشتىن قورقماي بىلىم دۇردانىلىرىنى ئىجتىھات بىلەن يىغقان، توپلىغان. بەزىلەرنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، ماركس «كاپىتال» دېگەن ئەسىرىنى يېزىش ئۈچۈن1500 پارچىدىن ئارتۇق كىتابنى ئوقۇپ چىققان ھەمدە خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق شائىر لى خې ھەركۈنى سىرتقا چىققاندا كىمخاب خالتىنى ئالغاچ چىقىپ، ئېسىل سۆز - ئىبارىلەر ئېسىگە كەلگەندە دەرھال خاتىرىلەپ، ئۇنىڭغا سېلىۋالىدىكەن، ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنى رەتلەپ شېئىر يېزىپ چىقىدىكەن. بۇلاردىن ماتېرىيال توپلاشنىڭ ئۆگىنىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم شەرتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. توپلىنىدىغان ماتېرىياللارنىڭ مەزمۇنى ھەر خىل بولىدۇ، بەزىلىرى شۇ كىشى ئۆگەنگەن كىتابىي بىلىملەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز، يەنە بەزىلىرى شۇ كىشىنىڭ قىزىقىشىغا باغلىنىشلىق بولىدۇ، ئىشقىلىپ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە پايدىلىق ماتېرىياللارنىڭ ھەننىۋاسىنى توپلاپ قويسا بولىدۇ. ماتېرىيال توپلاشنىڭ ئۇسۇلىمۇ خىلمۇخىل بولۇپ، تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇل دائىم ئۇچرايدۇ: كارتىغا توپلاش. كارتا چوڭ - كىچىكلىكى مۇۋاپىق، ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە ساقلاشقا ئەپلىك قەغەز پارچىسىدىن ياسىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئەقلىيە سۆز، ھېكمەتلىك سۆز، پاساھەتلىك سۆز - جۈملىلەر، رەسىم، جەدۋەل ۋە فورمۇلىلارنى خاتىرىلەپ قويۇشقا ياكى بىرەر پارچە ئەسەردىكى ئاساسلىق كۆز قاراش، يەكۈنلەرنى كۆچۈرۈپ قويۇشقىمۇ بولىدۇ. ماتېرىياللارنى كارتىغا توپلىغاندا، كېيىنكى كۈنلەردە ئىزدەپ پايدىلىنىشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن شۇ كىتاب - ژۇرنالنىڭ نامى، نەشر قىلىنغان ۋاقتى، نەشرىيات نامى، ئاپتورنىڭ ئىسىم فامىلىسى قاتارلىقلارنى بىللە خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك. كارتا كۆپەيگەندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى، ئۇلارنى تۈرگە ئايرىپ، ئوبدان ساقلاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئاختۇرۇپ تېپىشقا قۇلايلىق بولىدۇ. خاتىرە قالدۇرۇش. كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى قالدۇرۇش − ئۆگىنىش، تەپەككۇر يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇسۇلدۇر، شۇنداقلا بىلىم توپلاش جەريانىدۇر. خاتىرە قالدۇرۇشتا ئەسلىي ئەسەردىكى ئېسىل ياكى نۇقتىلىق جۈملە - ئابزاسلارنى يېزىۋالسا بولىدۇ، لېكىن ئاساسلىقى كىتاب - ماتېرىياللاردىكى مەزمۇنلارنى ئۆزىنىڭ تىلى ئارقىلىق يىغىنچاقلاپ خاتىرىلىۋېلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا خاتىرىلەر كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مول بىلىم خەزىنىسىگە ئايلىنىدۇ ھەمدە ئۇلاردىن خالىغان چاغدا پايدىلانغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش