UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشئېينشتېين

ئېينشتېين

ئۆگىنىش ئېينشتېين20 - ئەسىردىكى ئۇلۇغ ئالىملارنىڭ بىرى، ئۇ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى يارىتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىلىم - پەن تارىخىدا ئۆچمەس ئابىدە تىكلىدى. كىشىلەر ئۇنى ئۇلۇغ تالانت ئىگىسى دېيىشىدۇ، لېكىن ئۇ «ئەستايىدىللىق» مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، دەپ قارايدۇ. ئېينشتېين باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۆگىنىش نەتىجىسى بەك ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆگىنىشتە ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىدى. ئۇ تاپشۇرۇقلارنى قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي ئەستايىدىل ئىشلەيتتى، بەزىدە تاپشۇرۇقنى بىرىنچى قېتىم ياخشى ئىشلىيەلمىسە، ئىككىنچى قېتىم ئىشلەيتتى، ئىككىنچى قېتىم ياخشى ئىشلىيەلمىسە، ئۈچىنچى قېتىم ئىشلەيتتى، ئىشقىلىپ تاكى ئۆزى رازى بولغۇچە قايتا - قايتا ئىشلەيتتى. بىر قېتىم قول ھۈنەرۋەنچىلىك دەرسى ئۆتۈلگەندە، باشقا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ياسىغان لاي ئۆردەك، لاتا قونچاق، شام مېۋە - چېۋە قاتارلىقلارنى ئوقۇتقۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئېينشتېين ياساپ كەلگەن كىچىك ئورۇندۇق ناھايىتى كۆرۈمسىز، قوپال بولغاچقا، ساۋاقداشلىرى ئۇنى مازاق قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىسىمۇ ناھايىتى خاپا بولىدۇ. بۇ چاغدا ئېينشتېين يېنىدىن تېخىمۇ قوپال ئىككى ئورۇندۇقنى چىقىرىپ، ئوقۇتقۇچىسىغا: «مۇئەللىم، سىزگە بەرگىنىم ئۈچىنچى قېتىم ياسىغان ئورۇندۇق، گەرچە ئۇ تازا ياخشى ياسالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ماۋۇ ئىككىسىدىن ياخشى» دەيدۇ. ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ بۇنداق ئەستايىدىل پوزىتسىيىسىدىن ناھايىتى تەسىرلىنىدۇ. ئېينشتېين ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ماتېماتىكىغا ناھايىتى قىزىقىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ماتېماتىكىغا ناھايىتى ئۇستا بىر تاغىسى بار ئىدى، تاغىسى دائىم ئۇنىڭغا ماتېماتىكىغا دائىر بىلىملەرنى ۋە ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. بىر قېتىم تاغىسى ئۇنىڭغا پىفاگور قانۇنىنىڭ كېلىش تارىخىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن ئېينشتېيندىن ئۇنى ئىسپاتلاپ باققۇسى بار - يوقلۇقىنى سورايدۇ، ئېينشتېين بۇنىڭغا قىزىقىپ، سىناپ بېقىش قارارىغا كېلىدۇ ھەمدە ئۇدا ئۈچ ھەپتە ئۆيدىن تالاغا چىقماي، ئۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىغا ئۇزاق بولمىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بۇنداق قىيىن ماتېماتىكىلىق قانۇننى مۇستەقىل ئىسپاتلاپ چىقىشى ھەقىقەتەن ئوڭاي ئەمەس ئىدى. دەسلەپكى بىرنەچچە كۈندە ئۇ توغرا پىكىر يولىنى تاپالمىغاچقا، ئالدىدىكى مەشىق قەغەزلىرى دۆۋە - دۆۋە بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن يەنىلا توغرا جاۋابنى تاپالمايدۇ. ئەمما، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئىرادىسىدىن يانماي، ئەستايىدىل داۋاملاشتۇرىدىغانلا بولسام چوقۇم جاۋابىنى تېپىپ چىقىمەن دەپ ئويلايدۇ. شۇ تەرىقىدە قايتا - قايتا ھېسابلايدۇ، چوڭقۇر ئويلىنىدۇ …20 نەچچە كۈندىن كېيىن ئاخىر تاغىسىغا توغرا جاۋابنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئېينشتېيننىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىشلەش پوزىتسىيىسى ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا ئاتلانغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە مەڭگۈ ئىلھام ئاتا قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش
ئېينشتېين | UyghurWiki | UyghurWiki