مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىكى بەش ھالقا
ئۆگىنىش
مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ھەر خىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن مائارىپچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىغا ئاساسلانغاندا، كۆپ ساندىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش داۋامىدا مۇنداق بەش ئاساسىي ھالقىنى چىڭ تۇتقان:
بىرىنچى ھالقا، ئۆگەنمەكچى بولغان بىلىملەرنى ئالدىن ئۆگىنىپ مېڭىش. مەلۇم بىر يېڭى دەرس مەزمۇنى ئۆتۈلۈشتىن بىر كۈن ئىلگىرى دەرسنىڭ مەزمۇنىنى ئاۋۋال بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىپ، قايسى مەزمۇنلارنى چۈشىنەلىگەن، قايسى مەزمۇنلارنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى، قايسى مەزمۇنلارنى تولۇق چۈشەنگەن، يەنە قايسى مەزمۇنلارنى زادىلا چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش. مەسىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئاددىي خاتىرە قالدۇرۇپ، دەرس ئۆتۈلگەن چاغدا ئاشۇ مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، نۇقتىلىق چۈشىنىۋېلىش.
ئىككىنچى ھالقا، دەرسنى ياخشى ئاڭلاش. دەرس ئۆتۈلگەن چاغدا پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ ئاڭلاش، كاللىسىدا شەكىللەنگەن مەسىلىلەرنى مۇئەللىمنىڭ تەپەككۇرىغا باغلاپ، مۇئەللىمنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى قانداق قىلىپ بىر - بىرلەپ تەھلىل قىلىۋاتقانلىقىغا ئوبدان قۇلاق سېلىش. ئەگەر يەنىلا چۈشىنەلمىسە، دەرس ئارىلىقىدا ياكى دەرستىن چۈشكەندە چوقۇم سوراپ ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش، ئۇنى «يوشۇرۇن خەۋپ» كە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق. گۇمانىي مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ۋاقتىدا سوراش ھەمدە مۇزاكىرىگە قاتنىشىش. دەرسخانىدا سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلىش، سوئال سوراشقا ماھىر بولۇش. سوئال سوراشنى بىلمىگەن ئوقۇغۇچىنى ياخشى ئوقۇغۇچى دېگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە دەرسخانىدا خاتىرە قالدۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، دوسكىدىكى مەزمۇنلارنى خاتىرىلەپلا قالماي، يەنە مۇئەللىم خاتىرىلەپ مېڭىشنى تەلەپ قىلغان مەزمۇنلارنى، ئۆزى مۇھىم دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشتىكى تەسەۋۋۇر، ئۇسۇللىرىنى خاتىرىلىۋېلىش كېرەك.
ئۈچىنچى ھالقا، ئۆگىنىپ بولغان مەزمۇنلارنى ئىلمىي يوسۇندا تەكرارلاش. پسىخىكىلىق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆگىنىپ بولغان بىلىملەرنىڭ دەسلەپكى بىرنەچچە كۈندە ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىش سۈرئىتى ھەممىدىن تېز بولىدىكەن، شۇڭا شۇ كۈنى ئۆگەنگەن بىلىملەرنى چوقۇم شۇ كۈنى تەكرار قىلىپ مېڭىش كېرەك. تەكرار قىلغان چاغدا ئاۋۋال ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش، ئاندىن ئەستە ساقلاش، ئۆلۈك ھالدا ئەستە ساقلىماسلىق، قارىغۇلارچە يادلىماسلىق كېرەك. ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكرار قىلىپ، بىرەر ئاي ۋاقىتقىچە بولغاندا ئاخىرقى قېتىم پىششىقلىۋېلىش كېرەك. بۇ خىل تەكرار قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ھەم كۈچنى تېجەپ قالغىلى، ھەم ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئادەتتىكى چاغلاردا تەكرار قىلماي، مەۋسۇم ئاخىرىدا بىراقلا تەكرار قىلغاندىن كۆپ ياخشى.
تۆتىنچى ھالقا، تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل ئىشلەش ۋە خاتالىقنى تۈزىتىش. تاپشۇرۇق يازما تاپشۇرۇق، ئاغزاكى تاپشۇرۇق ۋە قول سېلىپ ئىشلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن مەقسەت دەرسخانىدا ئۆگەنگەن ئاساسىي بىلىملەرنى پىششىقلاش ۋە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ، بۇنىڭدا بىر خىللا ئۇسۇلغا ئېسىلىۋالماسلىق، مەسىلىلەرنى يېشىشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ توغرا - خاتالىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك، بۇمۇ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئوخشاشلا مۇھىم ئىش بولۇپ، بۇنداق ئادەتنى يېتىلدۈرۈش تولىمۇ پايدىلىق، ئۇ سىزنىڭ ئىجادىي تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغانلىق ھەممە ئىشنىڭ پۈتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇنى ئوقۇتقۇچى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن خاتالىق بار بولسا ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئاندىن قايتا بىر قېتىم ئىشلەش ھەمدە خاتالىقلارنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى خاتىرىلەپ قويۇش، كېيىن تەكرار قىلغاندا ئۇنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىش كېرەك، بۇنىڭ رولى ئادەتتە بىرەر سوئالنى توغرا ئىشلىگەندىكىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ.
بەشىنچى ھالقا، ۋاقتىدا خۇلاسىلەش. بىر بۆلەك مەزمۇننى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن قايسى ئاساسىي بىلىملەر، ئاساسىي قائىدىلەر، قانۇنىيەتنى ئۆگىنىۋالغانلىقى، ئاشۇ بۆلەكتىكى مەزمۇنلارنىڭ قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بارلىقى، بۇ بىلىملەر ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش بارلىقى دېگەندەك ئەھۋاللارنى قىسقىچە خۇلاسىلەش. بۇنداق خۇلاسىلىگەندە، بىر بۆلەكتىكى تارقاق بىلىملەرنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ يەنە كېلىپ ئاساسىي بىلىملەرنى ئەستە تۇتۇۋېلىشقىمۇ پايدىلىق.