UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشئۆگىنىشتە سىرداش دوست تۇتۇش

ئۆگىنىشتە سىرداش دوست تۇتۇش

ئۆگىنىش كۇڭ زى: »يولدا كېتىۋاتقان ئۈچ كىشى ئىچىدە ماڭا ئۇستاز بولغۇدەك بىرى چىقىدۇ« دېگەنىكەن. بۇ ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا، باشقىلارنىڭ ھامان ئۆگىنىشكە ئەرزىگۈدەك ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. دوست تۇتقاندا ئۆگىنىشتە ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشالايدىغان، ئورتاق مۇھاكىمە يۈرگۈزەلەيدىغان ئادەمنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بىرەر ھەقىقەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك كېڭىشىش ۋە مۇنازىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئارزۇ - ھەۋىسى ئوخشاش كىشىلەر ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ - كۇشادە مۇنازىرىلىشىپ، ئىدىيە ئۇچقۇنلىرىنى پەيدا قىلالايدۇ، كۆپچىلىككىمۇ ئىلھام ئاتا قىلىدۇ. فرانسىيىنىڭ داڭلىق خىمىيە ئالىملىرىدىن پروۋست بىلەن بېرسول «بەلگىلىك نىسبەتلەشتۈرۈش قانۇنى» نى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن توپتوغرا توققۇز يىل كەسكىن مۇنازىرىلىشىپ، ئاخىرىدا پروۋست ئۇتۇپ چىققان. لېكىن، پروۋست مۇنداق دېگەن: بۇ نەتىجىنىڭ يېرىمى بېرسولغا مەنسۇپ، چۈنكى ئۇ ھەر خىل گۇمانىي سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مېنىڭ ئەقىل - پاراسىتىمنى ئۇرغۇتتى، مېنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمغا تۈرتكە بولدى. ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىلىمى ھامان چەكلىك بولىدۇ، شۇڭا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا، ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ ئۆگىنىش ۋە كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا كەم بولسا بولمايدىغان شەرتتۇر. بىز باشقىلار بىلەن تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىشكە ماھىر بولۇپ، بۇ جەرياندا جانلىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىمىز، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئالاقە ئىقتىدارى ۋە ھەمكارلىشىش روھىنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش