تارقاق تەپەككۇر
ئۆگىنىش
تارقاق تەپەككۇر ئۆزگىچە تەپەككۇر ياكى تەسىرچان تەپەككۇر دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تەپەككۇر يۈرگۈزگۈچىنىڭ قولىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، كۆپ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ ۋە كۆپ خىل نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ ھەر خىل يۆنىلىشتە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ جاۋابقا ئېرىشىشتىن ئىبارەت بىر خىل تەپەككۇر ئۇسۇلىدۇر.
بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن: «خىشنىڭ نېمە رولى بار؟» دەپ سورىغاندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار «خىش بىلەن ئۆي سالغىلى، قورغان ياسىغىلى بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. پەقەت بىرلا ئوقۇغۇچى: «يولغا سۇ يىغىلىپ قالغاندا، خىشنى سۇ بار يەرگە قويۇپ يولدىن ئۆتكىلى بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. دېمەك، ئۇ ئوخشاش بىر سوئالغا باشقىچە جاۋاب بېرىپ، « خىشنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىتىلىشى» دىن ئىبارەت ئادەت خاراكتېرلىك پىكىر يولىنى بۇزۇپ تاشلىغان. بۇ خىل تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى تارقاق تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ.
تارقاق تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ يېڭى شەيئىلەرنى بايقىشىغا، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۆگىنىش جەريانىدا بۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلى ئادەمنى تار رامكىدىن قۇتۇلدۇرۇپ داغدام يولغا باشلىيالايدۇ. ھېساب ئىشلىگەندە ۋە ماقالە يازغاندا، بەزىدە ئادەم دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇللارنىڭ كارغا كەلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بۇنداق چاغلاردا تارقاق تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قوللىنىپ باشقىچە يولدا مېڭىپ باقساق، ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. بۇ خىل ئۇسۇل ئەقلىي ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك ئويۇنلار ياكى زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىدە تېخىمۇ بەك ئەسقاتىدۇ، چۈنكى قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنىدىغان سوئاللارغا چوقۇم ئادەتتىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق جاۋاب تاپقىلى بولمايدۇ، بۇنداق چاغلاردا نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، تارقاق تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. تارقاق تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگەنگىلى ۋە تۇرمۇش داۋامىدا ئاڭلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، سوئاللارغا جاۋاب تاپقاندا ئوخشاش بىر سوئالغا بىرنەچچە خىل جاۋاب بېرىش؛ ماقالە يازغاندا ئامال بار باشقىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى دورىماسلىق؛ بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان چاغدا باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاشمايدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تارقاق تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.