ماۋ يىشېڭ
ئۆگىنىش
ماۋ يىشېڭ ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق كۆۋرۈك مۇتەخەسسىسى، ئۇ بالىلىق دەۋرىدىلا ۋەتەننىڭ كۆۋرۈكچىلىك ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلىگەن.
ماۋ يىشېڭ11 ياشقا كىرگەن چېغىدا بىرنەچچە دوستى بىلەن بىللە تاۋۇز چاغىنىدا چىنخۇەي دەرياسىغا بېرىپ ئەجدىھا كېمە مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ كېلىشكە ۋەدىلەشكەن. ئەمما، ئويلىمىغان يەردىن تاۋۇز چاغىنىنىڭ ھارپا كۈنى ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان. ئەتىسى كەچتە دوستلىرى ئۇنىڭغا: مۇسابىقە كۆرىدىغانلار بەك كۆپ بولغاچقا، چىنخۇەي دەرياسى كۆۋرۈكىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ دەرياغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئەھۋالنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. بۇ ۋەقە ماۋ يىشېڭنىڭ يۇمران قەلبىنى قاتتىق لەرزىگە سالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ بولغاندا چوقۇم كۆۋرۈك ياساشنى ئۆگىنىپ، پۇختا، مەزمۇت كۆۋرۈكلەرنى سالىمەن، دېگەن ئىرادىگە كەلگەن.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ماۋ يىشېڭ ئۇچرىغانلىكى كۆۋرۈككە دىققەت قىلىشقا، ئۇنى تەپسىلىي كۆزىتىشكە باشلىغان. سىرتقا چىققاندا، مەيلى ياغاچ كۆۋرۈك ياكى تاش كۆۋرۈك بولسۇن، ئۇنى باشتىن - ئاياغ كۆرۈپ چىقىپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سىزىپ چىقىشنى ئادىتىگە ئايلاندۇرغان. ئادەتتىكى چاغلاردا كىتاب، گېزىت - ژۇرناللارنى كۆرگەندە، كۆۋرۈككە دائىر رەسىم ياكى باشقا ماتېرىياللار ئۇچراپلا قالسا ئۇلارنى يىغىپ ساقلاپ قويغان. ئۇ بالىلىق دەۋرىدىلا كۆۋرۈك ياساشقا دائىر نۇرغۇن بىلىم ۋە ماتېرىياللارنى توپلىغان.
ماۋ يىشېڭ15 يېشىدا ئەلا نەتىجە بىلەن تاڭشەن لۇكۇاڭ مەكتىپىنىڭ ئاممىۋى قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا ئۇ تەخمىنەن9 مىليون خەتتىن ئاشىدىغان200 پارچە خاتىرە قالدۇرغان، بۇ خاتىرىلەرنىڭ ئېگىزلىكى بىر ئادەمنىڭ بويىچىلىك كەلگەن.20 يېشىدا مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ھەمدە يەنە بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكىغا ئاسپىرانتلىققا ئۆتكەن. ئۇ ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئوقۇشقا كىرىشكەن. كۆۋرۈك ياساشنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى بۇرگ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى شىركىتىگە بېرىپ پراكتىكا قىلىپ، مېتالچىلىق، ياغاچچىلىقتىن تارتىپ، لايىھىلەش، ياساشقىچە بولغان ئىش ھالقىلىرىنى بىۋاسىتە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئىنژېنېرلىق بويىچە ماگستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئاخىر كۆۋرۈك مۇتەخەسسىسىگە ئايلانغان. ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا كۆۋرۈك ياساش قۇرۇلۇشىغا ئاتلانغان.1937 - يىلى ئېلىمىز بويىچە تۇنجى زامانىۋى چوڭ كۆۋرۈك − چيەنتاڭجياڭ كۆۋرۈكى ماۋ يىشېڭنىڭ بىر قوللۇق لايىھىلىشى بىلەن پۈتكەن؛50 - يىللاردا ئۇ يەنە ۋۇخەندىكى دۇنياغا داڭلىق چاڭجياڭ كۆۋرۈكىنى لايىھىلەپ پۈتكۈزگەن. ماۋ يىشېڭ ئۇزاق مۇددەت بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق كىچىكىدە كۆڭلىگە پۈككەن خەلق ئۈچۈن كۆۋرۈك ياساش ئارزۇسىنى ئاخىر رېئاللىققا ئايلاندۇرغان.
ئىرادە دېگىنىمىز، غايىگە يېتىش ئۈچۈن بەلنى مەھكەم باغلاشتۇر. ھەممە ئادەمنىڭ غايىسى بولىدۇ، لېكىن ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىپ كۈرەش قىلمىغاندا، ھەرقانچە بۈيۈك غايىمۇ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىرادە ھەرىكەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئېنىق نىشانغا ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنى بوشاشماي تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ.