UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشقول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش

قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش

ئۆگىنىش قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى دېگىنىمىز، ئۆگەنگەن بىلىملىرىگە تەتبىقلاپ، سايمان - ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل سايمان، مودېل ۋە تېخنولوگىيە بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ياساش ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ماھارەت ۋە ئىقتىدار ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا بەك ئەسقاتىدۇ. ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىكى ئاخىرقى مەقسەت ئۇنى ئەمەلىيەت داۋامىدا قوللىنىش ئۈچۈندۇر. ئۆگەنگۈچى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەقەت نەزەرىيىنى بىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە تېخنىكا ئۇسۇلى ۋە ئۈسكۈنە مەشغۇلاتىغا دائىر بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا پەن تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى داۋامىدىكى كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئالايلۇق، بىر ئادەم سىمسىز رادىئونىڭ نەزەرىيىۋى بىلىملىرىنى بىلىدۇ دېسەك، بىر تېلېۋىزورنى قۇراشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇ يەنە ئۈسكۈنە - جابدۇقلارنى تاللاش ۋە تەكشۈرۈش، يول - لىنىيىلەرنى لايىھىلەش، تېلېۋىزورنى تەرتىپ بويىچە تەڭشەش قاتارلىق تېخنىكا ماھارەتلىرىنىمۇ ئىگىلىۋېلىشى كېرەك. تېخنىكا ئىقتىدارى پەن تەتقىقاتى داۋامىدىكى كەشپىيات - ئىختىرالاردا ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ تەبىئىي پەنلەر تەجرىبە ئاساسىدىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن ماھارەت - ئىقتىدار بولمىسا ھېچقانداق تەجرىبىنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. پروفېسسور دىڭ جاۋجۇڭ ۋە ئۇنىڭ تەجرىبە گۇرۇپپىسىدىكىلەر J زەررىچىسىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۆتكۈر تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان بۇ تەجرىبىنى ئىشلەش داۋامىدا، ئۇ قول ئاستىدىكى گۇرۇپپا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە بەزى زۆرۈر تەجرىبە سايمانلىرىنى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىقى، تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ھەپىلەشكەنلىكى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق زور كەشپىياتنى يارىتالىغان. قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە كىچىكىدىن باشلاپ مەشىق قىلىش كېرەك. قول سېلىپ ئىشلەش دەرسى ۋە ئەمگەك دەرسىنى سەل چاغلىماسلىك كېرەك، بۇلار ئاساسلىق دەرس بولمىسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ لايىھىلەش ۋە مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئانچە - مۇنچە ئىش (جۈملىدىن ئۆي ئىشلىرى) قىلىشنىڭ كۆپ پايدىسى بار. فىزىكا ئالىمى پوۋېل كىچىك ۋاقتىدا دائىم سائەت، ۋېلىسىپىت دېگەندەك نەرسىلەرنى رېمونت قىلىپ، ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ پوۋېلنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى ئىلىم - پەن تەتقىقاتىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىگە ناھايىتى زور ياردىمى بولغان.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش
قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش | UyghurWiki | UyghurWiki