تەتۈر تەپەككۇر
ئۆگىنىش
سىرلىق ساراي ئويۇنى ئوينىغاندا، كىرىش ئېغىزىدىن قەدەممۇقەدەم ئىچكىرىلەپ كىرسىڭىز، كۆپىنچە ھاللاردا شۇنچە كاللا قاتۇرسىڭىزمۇ چىقىش ئېغىزىغا بارىدىغان يولنى تاپالماي قالىسىز، لېكىن ئەكسىچە ئىش كۆرۈپ، چىقىش ئېغىزىدىن كىرىش ئېغىزىغا قاراپ تەتۈر يول ماڭسىڭىز ئىرماش - چىرماش، ئەگرى - توقاي يولنى ئوڭايلا تېپىۋالالايسىز. ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ ئۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىدىغان بۇ خىل ئۇسۇل تەتۈر تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۇسۇل نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
تەتۈر تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئالدى بىلەن مۇھاكىمە قىلماقچى بولغان مەسىلىنى ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىنىپ بولدى، نەتىجىسى چىقتى دەپ پەرەز قىلىپ، ئاندىن بۇ نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنىڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بارلىقىنى تەھلىل قىلىش كېرەك. ئەگەر بۇ شەرتلەر مەۋجۇت بولمىسا، ئۇلارنى قانداق ئۇسۇل، قانداق يوللار ئارقىلىق ياراتقىلى ياكى بايقىغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە باش قاتۇرۇش كېرەك. بۇ قەدەم بېسىلىپ بولغاندىن كېيىن بۇ شەرتلەرنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكى … ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەپەككۇر يۈرگۈزۈش، تاكى ئېھتىياجلىق شەرتلەر تولۇق ھازىرلانغانغا قەدەر مۇشۇنداق قەدەممۇقەدەم تەھلىل قىلىپ مېڭىش كېرەك. ئەگەر بىر مەسىلىدىن بىرنەچچە خىل نەتىجە چىقسا، ئۇ چاغدا مۇمكىن بولمايدىغان ياكى توغرا بولمىغان ئۇسۇللارنى ئىنكار قىلىش كېرەك. بۇ تەھلىللەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بۇ مۇھاكىمە جەريانىنى تەتۈرىسىگە ياندۇرساق، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقالايمىز.