كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى
ئۆگىنىش
R3QS نۇرغۇن ساۋاقداشلار كىتاب ئوقۇشقا ئامراق، لېكىن بەزى كىتابلارنى ئوقۇشنىڭ قىيىن بولۇشى ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ. ئامېرىكا ئىئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى تەشەببۇس قىلغان R3QS كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى مۇشۇنداق ساۋاقداشلارنىڭ غەمدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
R3QS ئېنگلىزچە yerruS (بىر قۇر كۆرۈپ چىقىش)، noitseuQ (سوئال قويۇش)، daeR (ئوقۇش)، eticeR (قايتا ئوقۇش)، weiveR (تەكرار قىلىش) دېگەن سۆزلەرنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بۇ بەش قەدەمنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
بىر قۇر كۆرۈپ چىقىش. كىتابنى ئېلىپ باشتىن - ئاخىر مۇنداقلا كۆرۈپ بېقىش، كىرىش سۆزى، مۇھىم مەزمۇنى، كىچىك ماۋزۇلىرى ۋە رەسىم، سۈرەت، ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئوقۇپ بېقىپ، پۈتۈن كىتابقا قارىتا ئومۇمىي تۇيغۇ ۋە تەسىراتقا ئىگە بولۇش. ئاندىن مۇشۇ تەسىراتنى ئۆزىنىڭ بىلىمى، تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ كىتابنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىغا ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا قىزىققان - قىزىقمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ھەمدە كىتابتىكى مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى دەسلەپكى قەدەمدە ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىپ، ئۇنى كېيىنكى قەدەمدە ئوقۇپ چىقىشقا ئاساس سېلىش.
سوئال قويۇش. كىتابتىكى چوڭ - كىچىك ماۋزۇ، قارا خەت ۋە مۇھىم ماۋزۇلارغا قارىتا: »بۇ ماۋزۇدا نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق دېيىلگەندۇ؟« ياكى »بۇ بىر ئابزاس قارا خەتتە ناھايىتى مۇھىم بىر يەكۈن چىقىرىلىپتۇ، لېكىن ئۇ قانداق ئىسپاتلانغاندۇ؟« دېگەندەك سوئاللارنى قويۇش. مۇشۇنداق قىلغاندا كېيىنكى قەدەمدىكى ئوقۇش باسقۇچىنى تېخىمۇ نىشانلىق، قىزىقارلىق قىلغىلى بولىدۇ.
ئوقۇش. ئالدىنقى ئىككى باسقۇچ ئاساسىدا كىتابنى چوڭقۇرلاپ ئوقۇش، بۇنىڭدا ھەر خىل ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش، نۇقتىلىق ئابزاس ۋە ھالقىلىق سۆز - جۈملىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۆزىنىڭ كىتابى بولسا، ئۇنىڭغا يۇمىلاق بەلگىلەرنى قويۇش ياكى بەزى ئىزاھاتلارنى يېزىپ قويۇش، يەنە مۇۋاپىق خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك.
قايتا ئوقۇش. بۇ باسقۇچتا كىتابنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىپ، ئالدىنقى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللارغا تىرىشىپ جاۋاب بېرىش، مۇھىم ئابزاس ۋە بۆلەكلەرنى قايتا تەھلىل قىلىش كېرەك. قايتا ئوقۇش ئەستە قالغان مەزمۇنلارنى پىششىقلاش ۋە چۈشىنىش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشتىكى ياخشى ئۇسۇلدۇر.
تەكرار قىلىش. بۇ قايتا ئوقۇش ئاساسىدا بېرىلگەن جاۋابلاردىن رازى بولۇش دەرىجىسىگە ئاساسەن، قايتىدىن نۇقتىلىق تەكرار قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.