UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشئاڭلىقلىق ۋە مۇستەقىللىق

ئاڭلىقلىق ۋە مۇستەقىللىق

ئۆگىنىش مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەك ئەقىللىق بولۇپ كېتىشى ناتايىن، يېتەرسىزلىكلەردىن خالىي بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن، ئۇلاردا پەقەت بىرقەدەر كۈچلۈك ئۆزلۈك ئېڭى بار بولۇپ، ئۆزلۈكى بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلەلەيدۇ، ئۆز مەقسىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەلەيدۇ، تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، مۇكەممەللەشتۈرەلەيدۇ. ئاڭلىقلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ خۇددى مەھكەم باغلانغان بەلۋاغدەك ئادەمنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا، مەڭگۈ ئالغا بېسىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئاڭلىقلىق بىر ئادەمنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرا تونۇپ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى نىشان ئارقىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۆز - ئۆزىنى توختاۋسىز تەربىيىلەپ تۇرۇشىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، قىيىنچىلىقنى ئۆزى مۇستەقىل يېڭەلىسە، مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلىگەنلىك بولىدۇ. ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلەشنى خالايدىغان ۋە شۇنداق قىلىشقا ماھىر ئادەملەر باشقىلارغا قارىغاندا تېز ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەنە مۇستەقىل ئادەملەردىن بولۇشى، مۇستەقىل ئىش كۆرەلەيدىغان ئىقتىدارنى پەيدىنپەي يېتىلدۈرۈشى كېرەك. مۇستەقىل ئىش كۆرۈش ئىقتىدارى دېگىنىمىز، بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى بىر ئادەمنىڭ مۇستەقىللىق خاراكتېرىدە ئىپادىلىنىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا كىشىلەر دائىم دېگۈدەك ئۇنداق ياكى مۇنداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ، ھەممە ئىشتا باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنىلا ئۆزىگە تايىنىپ مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىشقا، مۇۋاپىق، قانۇنغا ئۇيغۇن قارارلارنى چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ بىزدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا مۇستەقىل ئىش كۆرىدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇستەقىل ئىش كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەرنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر يۈرگۈزۈش، ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ، ئۇلار ھە دېسىلا باشقىلارغا تايىنىۋالىدۇ، ئىرادىسى ئاجىز بولۇپ، بىرەر ئىشنى تۈزۈك باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ. مۇستەقىللىق ئىقتىدارى ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلەش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ. ياش - ئۆسمۈرلەر چوقۇم كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىشى، ئالدى بىلەن ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقىنى يېتىلدۈرۈشى؛ كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇستەقىل ئىش كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىپ، ھەممە ئىشتا ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاتا - ئانىسىغا يۆلىنىۋالماسلىقى كېرەك. يەنە قىيىنچىلىقلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭدىن قورقماي، جاپا - مۇشەققەتنى يېڭىپ ئىرادىسىنى تاۋلىشى، قەيسەر مىجەز - خاراكتېر يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش
ئاڭلىقلىق ۋە مۇستەقىللىق | UyghurWiki | UyghurWiki