ۋاقىتنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش
ئۆگىنىش
ۋاقىت ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ ئادىلدۇر، بىر كېچە - كۈندۈز24 سائەت، بىر يىل365 كۈن بولىدۇ. لېكىن، كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۆگىنىۋالىدىغان بىلىمى ياكى قىلىدىغان ئىشى ھەرگىز ئوخشاش بولمايدۇ، بۇنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى ۋاقىتنى مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتۇر.
تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش ئىشلىرىدا تەرتىپلىك بولغاندا، ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلانغىلى بولىدۇ. بىر كۈنلۈك پائالىيەتنى قانۇنىيەتلىك ھالدا ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەشغۇلات ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، ئۇنى پىلان بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلغاندا، ئىشلارنى تەرتىپلىك ۋە جايىدا قىلغىلى بولىدۇ. بىر كۈنلۈك ئىشقا قارىتا كۆڭۈلدە سان بولماي، قايسى ئىش ئۇچرىسا شۇ ئىشنى قىلغاندا، ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشتا، بىر كۈندە قىلىدىغان ئىشلارنى مۇھىم، بىرقەدەر مۇھىم، ئانچە مۇھىم ئەمەس، دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىپ، ئاۋۋال ئەڭ مۇھىمىنى، ئاندىن مۇھىمراقىنى، ئاخىرىدا ئانچە مۇھىم ئەمەس ئىشنى قىلىشقا بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا ھەم بىر كۈنلۈك ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغىلى، ھەم ۋاقىتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ئىش قىلىشتا ياخشى ئادەت بولۇشى كېرەك. دەپتەر - كىتاب، قەلەم - قەغەز، توپ، شاھمات، گالستۇك، كىيىم - كېچەك، ئاياغ - پايپاقلارنى جايى - جايىغا قويۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇلارنى ئىزدەپ ئاۋارە بولۇشتىن، ۋاقىتقا دەخلى يېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئەڭ ياخشى ۋاقىتتا ئەڭ مۇھىم خىزمەتنى ئىشلەش كېرەك. ئادەم بەدىنىدىكى بىئولوگىيىلىك رىتىمنىڭ رولى تۈپەيلى، ئادەمنىڭ بىر كۈندىكى بەدەن قۇۋۋىتى، كەيپىياتى ۋە تەپەككۇر ئەھۋالى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ كەتمەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋال بەزى چاغلاردا ئۆگىنىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى، بەزى چاغلاردا تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە، ئادەم ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؛ تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنكى بىر سائەت ئىچىدە پۈتۈن بەدەننىڭ پائالىيەت ئېنېرگىيىسى ھەزىم قىلىش ئەزالىرىغا مەركەزلەشكەچكە، مېڭىنىڭ پائالىيىتى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى كىتاب ئوقۇماسلىق كېرەك.
ھەر خىل كىتابلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇش ئوقۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. ئوخشاش بىر تۈردىكى كىتابلارنى ئۇزاق ۋاقىت ئوقۇغاندا، چوڭ مېڭە تېرە قەۋىتىنىڭ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مېڭە چىڭقىلىش، تولا ئۇيقۇسى كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە ھەر خىل كىتابلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇسا، چارچاشنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئۆگىنىش قىلىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ كەتكەندە، سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىش، ھەرىكەت قىلىشمۇ زېھنىي كۈچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر.
قىسقا ۋاقىتلاردىن تولۇق پايدىلانغاندا، ۋاقىتتىن ئۇتقىلى بولىدۇ. پائالىيەت ئارىلىقىدىكى بىرنەچچە مىنۇت، يېرىم سائەت دېگەندەك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كىتابنىڭ بىرەر ئابزاسىنى ئوقۇپ، بىرنەچچە سۆزنى يادلاپ قويغاندا، «تاما - تاما كۆل بولار» دېگەندەك ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىر ئادەم مۇنداق دېگەن: «ۋاقىتنى <مىنۇت> بىلەن ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتى ۋاقىتنى <سائەت> بىلەن ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭكىدىن59 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.»