كۆزىتىش، تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش
ئۆگىنىش
ئۆگىنىش جەريانىدا بىر ئىشنىڭ سەۋەب - نەتىجىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ياكى بىرەر پارچە ماقالىنى ياخشى يېزىپ چىقىشنىڭ مۇھىم ئاساسى ئىلمىي كۆزىتىش. كۆزىتىش دېگىنىمىز، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن قاتارلىق سەزگۈ ئەزالارنى ئىشقا سېلىپ، ئىشلارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەكشۈرۈپ چۈشىنىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدا خۇددى سىنئالغۇ ئاپپاراتىدەك تاشقى دۇنيادىكى كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلىۋېلىپ، بۇلارنى چوڭ مېڭىدە تەھلىل قىلىش، يىغىنچاقلاشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئاندىن شۇ ئىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قائىدە - قانۇنىيەتلىرىنى تولۇق چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
شەيئىيلەرنى كۆزىتىشنىڭ ئېنىق نىشانى بولۇشى، نېمىنى كۆزىتىش ھەققىدە كۆڭۈلدە سان بولۇشى كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا زېھنىي كۈچنى ئاشۇ تەرەپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان باشقا تەرەپلەرنى ۋاقتىنچە بىر چەتكە قايرىپ قويغىلى بولىدۇ. ئالايلۇق، بىر ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزماقچى بولساق، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆزى ۋە چىراي ئىپادىسىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى نۇقتىلىق كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ پۇت - قوللىرىنى ئازراق كۆزەتسە ياكى كۆزەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر بىرەر ئادەمنىڭ ئېسىل ئەخلاق - پەزىلىتى تەسۋىرلەنگەن ماقالە يېزىشقا توغرا كەلسە، ئاساسلىقى ئۇنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى ۋە يۈرۈش - تۇرۇشىنى كۆزىتىش كېرەك. مەقسەتسىز ھالدا قارا - قويۇق كۆزەتكەندە، كاللىغا نۇرغۇن نەرسىلەر ئورناپ كەتسىمۇ، ھېچقانداق مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولماي، تەپەككۇر قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
تەرتىپكە دىققەت قىلىش كۆزىتىش پائالىيىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى. بىرەر شەيئىنى كۆزىتىشتە، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىۋېلىشقا پايدىلىق بولۇشنى چىقىش قىلىپ، ئاساسلىقى بىلەن قوشۇمچىسىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ تەرتىپىنى بېكىتىۋېلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئاساسلىق نەرسىدىن قۇرۇق قېلىشتىن ساقلانغىلى، كۆزەتكەن شەيئىنىمۇ تولۇق بايان قىلغىلى بولىدۇ.
بىرەر مەسىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزىتىش ئادەمدە ئوڭايلا قىزىقىش پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ. چۈنكى، بۇ مەسىلە كۆزىتىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، چوڭ مېڭىمۇ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر تەرەپتىن كۆزەتكىلى، بىر تەرەپتىن تەھلىل قىلغىلى، يەنە بىر تەرەپتىن خاتىرىلەپ ماڭغىلى بولىدۇ. مەسىلە ھەل بولسا، كەيپىياتمۇ كۆتۈرۈلۈپ، كۆزىتىش نەتىجىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
كۆزىتىشنى قەلەم تەۋرىتىش، كاللا ئىشلىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئادەمنىڭ ئېسىدىكى نەرسىلەر ئوڭايلا نۇرغۇن ئىشلارنىڭ دەخلىسىگە ئۇچراپ ئەستىن چىقىپ كېتىدۇ، كۆزەتكەن ھادىسىلەرنى ھەر ۋاقىت خاتىرىلەپ ماڭغاندا، ئۇ قىممەتلىك ماتېرىيالغا ئايلىنىدۇ. شەيئىلەرنى كۆزەتكەندە يەنە ئۇنى تەھلىل قىلىش، ئالاھىدىلىكىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ باشقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان شەيئىلەر بىلەن بولغان پەرقى ۋە باغلىنىشى قاتارلىقلارنى ئىگىلىۋېلىش، چۈشۈپ قالغان تەرەپلەرنى قايتىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا شەيئىلەرنى تېخىمۇ ئەتراپلىق كۆزەتكىلى بولىدۇ.
شەيئىلەرنى كۆزىتىشتە سەۋرچان بولۇش كېرەك. كۆپىنچە ئىشلارنىڭ بىر قاراپلا تېگىگە يەتكىلى بولمايدۇ. يېسسىۋىلەك ئۇرۇقى ئۈچ كۈندە بىخ چىقىرىدۇ، تۇخۇمدىن21 كۈندە چۈجە چىقىدۇ، ئەگەر بۇ ھادىسىلەرنى ئىككى كۈنلا كۆزىتىپ، ئۇلاردا بىرەر ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ تېرىكىپ كەتسىڭىز، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيسىز.