UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشكەيپىيات ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسى

كەيپىيات ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسى

ئۆگىنىش ئادەمنىڭ كەيپىياتى خۇشاللىق، خاپىلىق، قايغۇ ۋە قورقۇشتىن ئىبارەت تۆت خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ، ئۆگىنىش نەتىجىسى كەيپىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئادەم خۇشال بولغاندا، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىش قىلالايدۇ، مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلالايدۇ. مۇۋاپىق جىددىيلىكمۇ ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىش ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىنى كۈچەيتىدۇ. لېكىن، زىيادە ھاياجانلىنىش، قورقۇش ۋە قايغۇرۇش چوڭ مېڭىدە تەپەككۇر توسالغۇسى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۆگىنىپ بولغان نەرسىلىرىنى ئېسىگە ئالالماي، مەسىلىلەرگە تېز ئىنكاس قايتۇرالمايدۇ، ئوڭۇشلۇق ھالدا باغلاپ تەپەككۇر يۈرگۈزەلمەيدۇ، يەكۈن ۋە ھۆكۈم قىلالمايدۇ. ئەگەر ئىمتىھان بېرىشتىن ئىلگىرى كەيپىيات ياخشى بولماي قالسا، ئىمتىھان نەتىجىسىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، نورمال كەيپىياتنى ساقلاش ئىنتايىن زۆرۈر. بىرىنچىدىن، توغرا ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى بولۇش كېرەك. ئۆگىنىشتە مۇھىمى چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇش بولۇپ، بىر كۈن ئۆگىنىپ، ئىككى كۈن تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا ھاپىلا - شاپىلا تەييارلىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، باشتىن - ئاخىر بىر خىل رىتىمدا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئاساسىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەپ ماڭغاندىلا، ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلغىلى بولىدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالغاندا، يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاش ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىمۇ ئوخشاشلا بىلىم ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر قېتىملىق ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىگەنلىك بىلەنلا ئۇزاققىچە روھسىز، خامۇش يۈرگەندە، كېيىنكى ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يېتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى مەقسەتلىك يېتىلدۈرۈش، تاۋلاش كېرەك. «دۇنيادا ھەرقانداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ»، ئەگەر ئىمتىھان بېرىشتىن ئىلگىرى كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان ياكى غەش قىلىدىغان ئىشلارغا يولۇققاندا، ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەيپىياتنى ئىمكانقەدەر تۇراقلاشتۇرۇش ياكى بۇرۇقتۇرمىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كىرىش، باشقىلار بىلەن ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتسىز ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشىش، ئانچە - مۇنچە نەسر، شېئىر - قوشاقلارنى ئوقۇش قاتارلىق ئۇسۇللىرى بار. بەزىدە ئۆز - ئۆزىگە تەسەللى بېرىش ئارقىلىقمۇ كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئادەتتىكى چاغلاردا ئەخلاق ۋە كەيپىياتنى تاۋلاشمۇ ناھايىتى مۇھىم. ھەممە ئىشنى زىغىرلاپ كەتمەسلىك، ئىشلارغا ۋە ئادەملەرگە كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، باشقىلار بىلەن ئېجىل - ئىناق ئۆتۈش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا، زىددىيەت ئالدىدا كەيپىيات زىيادە تۇراقسىز بولۇپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش