UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشسىما چيەن

سىما چيەن

ئۆگىنىش سىما چيەن ئېلىمىزنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇلۇغ تارىخشۇناس، ئەدىب، ئۇ ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، «تارىخنامە» دېگەن ئەسەرنى پۈتكۈزۈپ، كېيىنكىلەرگە قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى قالدۇرغان. سىماچيەن38 يېشىدا ئاتىسىنىڭ سالنامىچىلىق ۋەزىپىسىگە ۋارىسلىق قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەر خىل تارىخىي كىتابلارنى كۆپلەپ ئوقۇپ، تارىخىي ماتېرىياللارنى رەتلەپ، كۆپ يىل جاپالىق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق «تارىخنامە» دېگەن ئەسەرنى يېزىشقا رەسمىي كىرىشكەن. لېكىن، ئۇ بەختكە قارشى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان، يەنى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى99 - يىلى سىماچيەن تەسلىمچى سانغۇن لى لىڭغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ خەن ۋۇدى ئۇنىڭغا ئېغىر جازا بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن سىماچيەن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زەربە يېگەن، ئىنسانىي قەدىر - قىممىتى دەپسەندە قىلىنغان. مۇشۇنداق چىدىغۇسىز ئىزا - نومۇس ئالدىدا سىماچيەن ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ بىرنەچچە قېتىم ئۆلۈۋالماقچى بولغان. لېكىن، ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن بەزى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك ئىش ئىزلىرى ئۇنىڭغا ئىلھام ئاتا قىلغان. ئۇ كۆڭلىدە: جۇ ۋېنۋاڭ تۈرمىگە تاشلىنىپ، تۈرمىدە «پالنامە» نى يېزىپ چىقتى؛ كۇڭ زى نۇرغۇن بەگلىكلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ چېنسەي دېگەن يەرگە قامىلىپ قالغاندىن كېيىن «ئەمىنىيە» نى يازدى؛ چۈي يۈەن يىراقلارغا پالانغاندا «جۇدالىق زارى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى؛ زوچيۇمىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغىنىغا قارىماي، «دۆلەت ئەربابلىرى ھەققىدە بايان» نى يازدى؛ سۇن بىڭ تىز سۆڭىكى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن تۇرۇقلۇق «ھەربىي تەدبىرلەر» نى يازدى، دېگەنلەرنى ئويلىغان ھەمدە بۇ ئۇلۇغ ئەجدادلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش روھىنىڭ ئىلھامى بىلەن روھىي ۋە جىسمانىي ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، «تارىخنامە» نى يېزىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئىلگىرى - كېيىن نەچچە ئون يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ ئاخىر لۇشۈن تەرىپىدىن تارىخچىلار يېزىپ باقمىغان، قاپىيىسىز «جۇدالىق زارى» دەپ تەرىپلەنگەن «تارىخنامە» دېگەن ئەسىرىنى پۈتكۈزۈپ، ئېلىمىزدە يىلنامە تۈزۈش ۋە خاتىرە ئەدەبىياتى يېزىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ بەرگەن. كىشىلىك ھاياتتا ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ، ھاياتتا ئوڭۇشسىزلىقنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. ئوڭۇشسىزلىق ھەمىشە ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ئادەمنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ، كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ئوڭۇشسىزلىققا توغرا مۇئامىلە قىلالىغان، ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلالايدىغان ئادەم چوقۇم قەيسەر ئىرادە ۋە ئېگىلمەس - سۇنماس جاسارەت يېتىلدۈرەلەيدۇ، بۇ دەل ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلىنىشتا كەم بولسا بولمايدىغان خاراكتېر ۋە پەزىلەتتۇر.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش