UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشجەمئىيەتتىن ئۆگىنىش

جەمئىيەتتىن ئۆگىنىش

ئۆگىنىش بىر ئادەمنىڭ بىلىمى دەپتەر - كىتابتىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىنمۇ كېلىدۇ. جەمئىيەت گويا بىر خەتسىز كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ھەقىقىي كىتابنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مول، تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئۇ بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزغا ئۈزلۈكسىز جەڭ ئېلان قىلىپ، بىزنى يېڭى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى تاۋلاشقا ئۈندەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە جەمئىيەتتىن ئۆگەنگەندە، جۈملىدىن ھەر ساھە، ھەر كەسپتىكىلەر، ھەر خىل ياش قاتلىمىدىكىلەر ۋە مىجەز - خاراكتېرى ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. نۇرغۇن ئۇلۇغ شەخسلەر ياش - ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە جەمئىيەت «دەرسخانا» سىغا كىرىپ، جاپالىق چېنىقىشلارنى بېشىدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق جەمئىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، كېيىنكى چاغلاردىكى ئىجتىمائىي كۈرەشكە ئاتلىنىشقا مۇھىم ئاساس سالغان. گوركىي كىچىكىدىن باشلاپلا ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرى، پاراخوت قاتارلىق ئىجتىمائىي سورۇنلاردا ئىشلەپ، خىلمۇخىل ئادەم ۋە ئىشلار بىلەن ئۇچراشقان، بۇلار ئۇنىڭغا نۇرغۇن كىشىلىك ھايات قائىدىلىرىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە كېيىنكى چاغلاردىكى يېزىقچىلىقىنىڭ مۇھىم خام ماتېرىيالى بولۇپ قالغان. شۇڭا، گوركىي ئاشۇ ياشلىق دەۋرىنى «مېنىڭ ئالىي مەكتىپىم» دەپ ئاتىغان. ماۋ زېدۇڭ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقاندا، نوقۇل ئوقۇشقا بېرىلىپلا قالماي، يەنە ياز كۈنلىرى يېقىن دوستلىرى بىلەن بىللە يىراقلارغا سەپەر قىلغان، ئۇلار يول بويى دېھقانلارنىڭ دەرد - ئەلىمىنى ئىگىلەپ، ياخشى - يامان ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى چۈشىنىپ، كىتابلاردا يوق نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالغان. جەمئىيەتتىن ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار ۋە ئۇنىڭ شەكلى ناھايىتى كۆپ. مۇزېيغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، مەشھۇر ئاسار ئەتىقىلەرنى زىيارەت قىلىش، زاۋۇت ۋە يېزىلارغا بېرىپ ئەمگەككە قاتنىشىش قاتارلىقلار بۇنىڭ ياخشى شەكىللىرىدۇر. كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلارغا بولغان ئىنكاسىنى كۆزىتىش، بازار ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ھەر خىل كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىقلارمۇ ناھايىتى قۇلايلىق بولغان ئىجتىمائىي ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىدۇر. جەمئىيەتتىن ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىدە مەقسەت ئېنىق بولۇشى، مەلۇم پائالىيەت ئارقىلىق قانداق ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكچى بولغانلىقى، قانداق مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلماقچى ياكى يەشمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە چوقۇم كۆڭۈلدە سان بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، توپلىغان ماتېرىياللار چېچىلاڭغۇ، كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش