UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشگاۋ شىچى

گاۋ شىچى

ئۆگىنىش گاۋ شىچى ئېلىمىزنىڭ داڭلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى، ئۇ ئېگىلمەس - سۇنماس روھىغا تايىنىپ كېسەللىك بىلەن قەيسەرانە كۈرەش قىلىپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن ھەمدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر نۇرغۇن ئەسەر ئىجاد قىلغان. گاۋ شىچى ياش ۋاقتىدا ئامېرىكىدا ئوقۇغان. بىر قېتىملىق تەجرىبە داۋامىدا، ئۇ پروبىركىنىڭ يېرىلىپ كېتىشى سەۋەبىدىن بەختكە قارشى مېڭە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پالەچ بولۇپ قالغان، باشقا كېسەللىكلەرمۇ ئۇنى ئارامىدا قويمىغان. لېكىن، گاۋ شىچى بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى تاشلىۋەتمىگەن، گەرچە ئەينى چاغدا كېسەللىك ۋىرۇسى ئۇنىڭ كىچىك مېڭىسىگە كىرىپ، ھەرىكەت نېرۋىلىرى مەركىزىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلىقتىن، بېشىنى ئىككى تەرەپكە بۇرىيالمايدىغان، پۇت - قولى تىترەيدىغان بولۇپ قېلىپ، بەش ئەزاسىنىڭ ھەرىكەت نېرۋىلىرىمۇ بارا - بارا ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئادەتتن تاشقىرى غەيرەت - شىجائەت بىلەن باكتېرىيە ئىلمى بويىچە ماگستىرلىق ئاسپىرانتلىقىنىڭ بارلىق دەرسلىرىنى تاماملاپ بولغان. گاۋ شىچى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن، ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزى ئۆگەنگەن ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ياش - ئۆسمۈرلەرگە ۋە خەلق ئاممىسىغا تەقدىم قىلىشقا باشلىغان. دەسلەپتە، ئۇ پالەچ بولاي دەپ قالغان، تىترەپ تۇرىدىغان قوللىرى بىلەن قەلەمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، خەتلەرنى بىر سىزىق بىر سىزىقتىن يازغان. لېكىن، كېسىلى پات - پات قوزغىلىپ تۇرغاچقا، قەلىمىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان؛ كېسىلى سەللا ياخشىلانغاندا، قولىغا يەنە قەلەم ئېلىپ يېزىشنى داۋاملاشتۇرغان. كېيىن ئۇنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىپ، قولى پالەچ بولۇپ قالغان، ھەتتا سۆزلەشتىمۇ ناھايىتى قىينالغان ھەمدە مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان. ئۇ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئاۋۋال تەييارلىۋېلىپ، ئاندىن ناھايىتى تەستە بىر خەت بىر خەتتىن ئېيتىپ بەرگەن، كاتىپى، ئايالى ۋە سېسترالار شۇ بويىچە خاتىرىلىۋېلىپ رەتلەپ چىققان. بەزىدە بىرەر خەتنى ئېنىق دەپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنى نەچچە قېتىم تەكرارلاشقا مەجبۇر بولغان، مۇشۇ تەرىقىدە بىر ئابزاس سۆزنى خاتىرىلەشكە يېرىم كۈندەك ۋاقىت كەتكەن چاغلارمۇ بولغان. ئۇ كېسىلى سەللا ياخشىلانغان ھامان، قولىغا قەلەم ئېلىپ مايماق - سايماق قىلىپ يېزىشقا كىرىشىپ كەتكەن. نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ ئېگىلمەس - سۇنماس روھى ۋە كۈچلۈك غەيرەت - شىجائىتىگە تايىنىپ، ئېغىر كېسەللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر1 مىليون خەتلىكتىن ئارتۇق ئەسەرنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان. ئىرادە كىشىلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئىچكى كۈچ، ئېگىلمەس - سۇنماس روھ يۈكسەك ئىرادىنىڭ ئىپادىسى. ئۇ ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەمنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغايدۇ. ئىرادە مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. گاۋ شىچى دەل ئەنە شۇنداق كاج تەقدىر ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغانلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش
گاۋ شىچى | UyghurWiki | UyghurWiki