UyghurWiki
UyghurWikiئۆگىنىشجى چاڭ

جى چاڭ

ئۆگىنىش رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى جۇڭگودا ئاتقان ئوقىنى زايە قىلمايدىغان جى چاڭ ئىسىملىك بىر ئوقيا ماھىرى ئۆتكەنىكەن. ئۇ ئاساسىي ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق داڭلىق ئوقيا ماھىرى بولۇپ يېتىشىپ چىققانىكەن. جى چاڭ بالىلىق چاغلىرىدىلا ئوقيا ماھىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتىكەن. ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن فېي ۋېي ئىسىملىك بىر ئوقيا ماھىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئوقيا ئېتىشنىڭ ئېپىنى تېزرەك ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. فېي ۋېي ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ: «ئوقيا ئېتىشنى ئۆگىنىشتە ئالدى بىلەن ئاساسىي ماھارەتنى ئوبدان مەشىق قىلىش كېرەك، سەن ئاۋۋال نىشانغا تىكىلىپ قاراپ كۆزۈڭنى چىمچىقلاتماسلىقنى ئۆگەنگىن … » جى چاڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۈن بويى ئاپىسىنىڭ رەخت توقۇيدىغان ئىگىرىكىنىڭ قېشىغا كېلىۋېلىپ، ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ تۇرغان موكىغا تاكى كۆزلىرى ئېچىشىپ ياش چىقىپ كەتكۈچە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرىدىغان بوپتۇ. مانا مۇشۇنداق ئىككى يىل ئۇدا جاپالىق مەشىق قىلىش نەتىجىسىدە، ئۇ كۆز ئالدىدا ناھايىتى ئۆتكۈر بىگىز پۇلاڭشىپ تۇرسىمۇ، ھەر ئىككى كۆزىنى چىمچىقلاتماي تۇرالايدىغان دەرىجىگە يېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ماھارەتنى ئوبدان مەشىق قىلىپ بولدۇم دەپ قاراپ، ئۇستازى فېي ۋېينىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئوقيا ئېتىشنىڭ ئېپىنى ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. فېي ۋېي ئۇنىڭغا يەنە كۆزىنى چىمچىقلاتماسلىق ئوقيا ئېتىشنى ئۆگىنىشتىكى ئاساسىي ماھارەتنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەنلىكىنى، ئەمدى كۆزنى ئۆتكۈر قىلىش ماھارىتىنى تاكى نىشاننى ناھايىتى ئېنىق كۆرەلىگۈدەك دەرىجىدە پىششىق مەشىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، جى چاڭ ئۇستازىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بۇ ئاساسىي ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىشقا كىرىشىپتۇ. ئۇ بۈرگىدىن بىرنى تۇتۇۋېلىپ، چاچ بىلەن ئۇنى دېرىزىگە ئېسىپ قويۇپ، ھەر كۈنى ئاشۇ بۈرگىنى نىشانلاپ يىراقتىن قارىغا ئېلىشنى توپتوغرا ئۈچ يىل مەشىق قىپتۇ، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزى ھەقىقەتەن ئۆتكۈرلىشىپ، دېرىزىگە ئېسىقلىق بۈرگىگە يىراقتىن قارىسا، كىچىككىنە بۈرگە چوڭ كۆرۈنىدىغان، باشقا كىچىك نەرسىلەرمۇ ئاشۇنداق ئېنىق ھەم چوڭىيىپ كۆرۈنىدىغان دەرىجىگە يېتىپتۇ. شۇندىلا ئۇستازى ئۇنىڭغا ئالاھىدە ياسالغان كىچىك ئوقيانى تۇتقۇزۇپ، دېرىزىدىكى ھېلىقى بۈرگىگە تەگكۈزۈشنى بۇيرۇپتۇ. جى چاڭ بىرىنچى ئوقنى بۈرگىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا تەگكۈزۈپتۇ، ئوقيا ھەتتا بۈرگىنى باغلىغان چاچقىمۇ تەگمەپتۇ. بۇنى كۆرگەن فېي ۋېي ئۇنىڭغا: «ئوقيا ئېتىشنىڭ ئېپى دەل مۇشۇ. سەن ئاساسىي ماھارەتنى ئۇزاققىچە جاپالىق مەشىق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، مانا ئەمدى ئاتقان ھەربىر ئوقۇڭ زايە كەتمەيدىغان سەۋىيىگە يەتتىڭ» دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، جى چاڭ داڭلىق ئوقيا ماھىرىغا ئايلىنىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆگىنىش
جى چاڭ | UyghurWiki | UyghurWiki