ئەخلاق، بىلىش، ئىقتىدار، بىلىم
ئۆگىنىش
بىر ئادەمنىڭ ئۆگىنىشتىكى ساپاسى ئوخشاش بولمايدۇ، نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۆگىنىشتە بىرقەدەر ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشتە ئەخلاق، بىلىش، ئىقتىدار ۋە بىلىمدىن ئىبارەت تۆت ئامىلنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.
ئەخلاق دېگىنىمىز، ئىدىيە، ئەخلاق - پەزىلەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەخلاق گويا ماياكقا ئوخشايدۇ، ياخشى ئەخلاق - پەزىلەتكە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن توغرا تىرىشىش نىشانىنى بېكىتكىلى ۋە ئۇزاققىچە ئۆگىنىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمى ئالدى بىلەن ئىرادە تۇرغۇزۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. قەدىمكىلەر: »ئىرادە بولمىسا، ھېچ نەرسىنى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ« دېگەن. بىزنىڭ ئىرادىمىز خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش، ھاياتنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەسلىكتىن ئىبارەت. ئاندىن قالسا، ياخشى ئۆگىنىش ئىستىلى تۇرغۇزۇپ، قېتىرقىنىپ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇش، قىلچە بىخەستەلىك قىلماسلىق كېرەك.
»بىلىش« مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش ئۇسۇلى ۋە مەسىلىلەرنى ئالدىن كۆرۈپ يېتىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ياش - ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىلىم مۇنداق ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، ئىرادە - نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالاھىدىلىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش؛ يەنە بىرى، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە مەسىلىلەرنى ئىجادىي ھەل قىلىش ئىقتىدارى. بىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، بىرىنچىدىن، كۆپ سوراش، ئۆزى بىلمەيدىغان مەسىلىلەرگە يولۇققاندا باشقىلار بىلەن كۆپرەك مۇزاكىرىلىشىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، كۆپ ئويلاش، مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان روھ يېتىلدۈرۈش كېرەك.
»ئىقتىدار« ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئىقتىدارىنى، جۈملىدىن مەشغۇلات ئىقتىدارى، كۆزىتىش ئىقتىدارى، تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۆمۈر ئىشلىتىلىدىغان ئاساسىي ئىقتىدارلاردۇر. بۇنىڭدىن سىرت، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەش ئىقتىدارى، كەڭ ئالاقە ئورنىتىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارمۇ ئىقتىدار دائىرىسىگە كىرىدۇ.
»بىلىم« مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلانغاندىكى خام ماتېرىيال بولۇپ، مول بىلىم جۇغلانمىسىغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن مەسىلىلەرنى كۆڭۈلدىكىدەك چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. بىر ئادەم ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە نەتىجە يارىتىمەن دەيدىكەن، ئۇنىڭ توپلىغان بىلىم قۇرۇلمىسى چوقۇم »T« شەكىللىك بولۇشى، يەنى بىر تەرەپتىن، ئاساسىي بىلىملەر ئاساسىدا چوڭقۇر ئىلىم تەھسىل قىلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئالاقىدار بىلىملەرنى كەڭ دائىرىدە ئىگىلىۋېلىشى كېرەك.
ئەخلاق، بىلىش، ئىقتىدار، بىلىمدىن ئىبارەت بۇ تۆت ئامىل ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يېتىلىپ قالمايدۇ، بەلكى ئۆگىنىش جەريانىدا بۇلارغا تەڭ ئەھمىيەت بەرگەندىلا، بىر - بىرىنى تولۇقلاپ ئورتاق ئالغا باسقىلى بولىدۇ.